ناتونىڭ پاكىستان چېگرا قىسىملىرىنى بومبىلىغانلىقى ھەققىدە، بۈگۈن ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ھەر ئىككى تەرەپ يېڭى ئىسپات ئېلان قىلدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ بۈگۈن «ۋولت ستېرىت گېزىتى»نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئېيتىشىچە، ئامېرىكا پەۋقۇلئاددە قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى زەربىدار ئەترىتى بىلەن رادىكال تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا، پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستاندىكى موھماند قەبىلە رايونى تەۋەسىدە توساتتىن تىركىشىش يۈز بەرگەندە، ئامېرىكا پەۋقۇلئاددە قىسىملىرى شۇ جايدا بىر ھەربىي بازىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئامېرىكا پەۋقۇلئاددە قىسىملىرى بۇ ھۇجۇمغا ئىنكاس قايتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئەھۋالنى ئۆز تەرىپىنىڭ چېگرا مۇداپىئە مەركىزىگە مەلۇم قىلغان، بۇ مەركەز پاكىستان تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن، بۇ جايدا پاكىستان قىسىملىرى يوقكەن دەپ ئۇقتۇرغان.
«ۋولت ستېرىت گېزىتى»نىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستان تەرەپ بۈگۈن ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلغان بۇ ئىسپاتنى قوبۇل قىلماي، بەلكى بۇنىڭغا قارىمۇ - قارشى ئىسپات كۆرسەتكەن. پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئەينى ۋاقىتتا پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئۇچۇر - ئالاقە سېستىمىسىدا كاشىلا چىقىپ، ئۆز قىسىملىرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلالمايدىغان ۋە سرت بىلەن ئالاقىلىشالمايدىغان ئەھۋال يۈز بەرگەن ئىكەن.
ئامېرىكا بىلەن پاكىستان بۈگۈن ئېلان قىلغان يوقىرىقى ئىسپاتلاردىن قارىغاندا، ناتونىڭ پاكىستان چېگرا قىسىملىرىنى بومبىلىغان ۋەقەدە، ئىككى تەرەپنىڭ ھېچقايسىدا جاۋابكارلىق يوق. ئەمما ھەر ئىككى تەرەپ بۈگۈن يەنىلا قارشى تەرەپنىڭ كۆرسەتكەن ئىسپاتلىرىنى قوبۇل قىلمىدى.
ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ئافغانىستاندىكى ناتو قىسىملىرى پاكىستاننىڭ چېگرا مۇداپىئە پونكىتىنى بومبىلىغان ۋەقە 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يۈز بەرگەن. بۇ ۋەقەدە پاكىستان قىسىملىرىنىڭ 24 ئەسكىرى ئۆلگەن، 13 ئەسكەر يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن پاكىستان ھەرخىل چوڭ نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قارشى غەزەپ ئىپادىلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا پاكىستان يەنە، پاكىستاننىڭ ئون يىلدىن بۇيان ئامېرىكىدىن ئوساما بىنلادىنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ياردەم ئېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئوساما بىنلادىننى مەخپىي كۈچلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلايدىغان ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن ب ب س ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى.
ناتو قىسىملىرى پاكىستاننى بومبىلىغان ۋەقە يۈز بەرگەندە، خىتاي بىلەن پاكىستان بىرلىكتە «شەرقىي تۈركستان تېررورچىلىرىنى يوقىتىش»نى جاكارلاپ چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. ناتو پاكىستاننى بومبىلىغان ھامان، خىتاي تەرەپ پاكىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەربىي مانېۋىرىنى يىغىشتۇرۇپ قويغان ۋە 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقى ئارقىلىق «پاكىستاننىڭ ناتونىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىغا ھەيران قالدۇق» دەپ بايانات ئېلان قىلغان.
كۈنلەردىن بۇيان، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ناتونىڭ پاكىستان چېگرا قىسىملىرىنى بومبىلىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرى جىم ئەمەس. ئىنتېرنېتتە خىتايچە ئېلان قىلىنغان بەزى ئوبزورلاردا، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاننى بومبىلىشى بىرخىل ھەربىي رازۋىتكا، مەقسىتى خىتاينى ئۇرۇشقا سۆرەپ كېرىش، دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە بەزى ئوبزورلاردا، خىتاي ئەمدى پاكىستانغىمۇ، تالىبانلارغىمۇ ئىلغار راكىتا، رادار سېتىپ بېرىپ، ئامېرىكىغا تېخىمۇ كۆپ باش ئاغرىقى پەيدا قىلىپ، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش كېرەك، دېگەن. يەنە بەزى ئوبزورلاردا بولسا، خىتاي ئەمدى چۇقۇم پاكىستانغا ئەسكەر چىقىرىش كېرەك، دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان.