ناتو دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېستونىيىدە ئېچىلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېستونىيىنىڭ پايتەختى تالىندا ئۆتكۈزۈلدى. پەيشەنبە كۈنى باشلىغان مەزكۇر يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

ئىگىلىنىشىچە، يىغىندا ئافغانىستاندىكى تىنچلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قاچان ۋە قانداق قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالىنغا يىغىلغان ناتو دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىن ئاخىرىدا ئافغانىستانغا دائىر يېڭى ئىستراتېگىيە بەلگىلەش ھەققىدە ۋە شۇنداقلا خەۋپسىزلىك، باشقۇرۇش ۋە ئافغانىستاننى تەرەققى قىلدۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ قارار ماقۇللايدىكەن.

بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن 2011 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما، ناتو باش سېكرېتارى ئاندىرېس رامۇسسىن ئافغانىستاندا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرمىگىچە ئەسكەر چېكىندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، : "ئەسكەر چېكىندۈرۈدىغان ۋاقىت 2011 - يىلى بولۇشى ناتايىن " دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈنكى يىغىن ئاخىرىدا، ناتو باشچىلىقىدىكى تىنچلىق قىسىملىرى بۇ يىل ئىچىدە ئافغانىستاندىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشكە باشلاشنى قارار قىلغان. ئەمما ئامېرىكا ئافغانىستاندىن كېلەر يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ ئەسكەر چېكىندۈرۈدىغانلىقىنى، ناتو قىسىملىرى چېكىنىپ چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئافغان ئارمىيىسى ۋە قوراللىق قىسىملىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

ئافغانىستاندا ھازىر 40 دۆلەتنىڭ جەمئىي 80 مىڭ ئەسكىرى ناتو تىنچلىقىنى ساقلاش قىسىملىرى تەركىبىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ناتو قىسىملىرى چېكىنىشتىن بۇرۇن تىنچلىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئافغانىستان قىسىملىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك ئىكەن.

ئاندىرېس رامۇسسىن ئافغانىستان قىسىملىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە ئاز دېگەندە 450 ھەربىي تېرىنېرگە ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇندىن ئىلگىرى ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىستانبۇل ۋە گېرمانىيىلەردە ئاچقان يىغىنلىرىدىمۇ ئوخشاش مەسىلە كۈن تەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئافغانىستاندىكى ئەسكەر تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى تۈركىيىدىن تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتوننىڭ ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئافغانىستان ئارمىيىسى ۋە ساقچى قىسىملىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تېرىنېر ئەۋەتىش تەلىپىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاندىرېس رامۇسسېن ئافغان ئارمىيىسىگە ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ خېلى بىر مەزگىلگىچە خەلقئارا تېنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمما ئۇ يەنە ناتونىڭ ئافغانىستاندا مەڭگۈلۈككە قالمايدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئېستونىيىنىڭ پايتەختى تالىندە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا يەنە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ناتو باش سېكرېتارى ئاندىرېس رامۇسسېن يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولغان بىر قىسىم "ئۆز بېشىمچى" دۆلەتلەرنى كونترول قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ناتونىڭ چوقۇم يادرو كۈچىگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا يەنە رۇسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ناتو سېكرېتارى رامۇسسېن بۇ ھەقتە توختىلىپ: "روسىيە ھازىرمۇ سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىدەكلا ناتونى دۈشمەن دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي ۋاقتى ئۆتكەن، ئورۇنسىز بىر ئەنسىرەش" دېگەن.

رامۇسسېن رۇسىيىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدە ناتو بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى مەسىلىسىدە روسىيە بىلەن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.