تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر كارخانىچى نازىم باتۇخان بىلەن سۆھبەت - 1

40 - 50 يىل بۇرۇن ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە دۈنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىگىلىك تىكلەپ كارخانىچى بولۇشقا باشلىدى. بۇلاردىن بىرى ھازىر قەيسەرى سانائەت رايونىدا تۇركىستان ماكىنا نامىدا زاۋۇتى بار نازىم باتۇرخان. نازىم باتۇخاننىڭ دادىسى يۈسۈپ باتۇخان قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتنىڭ ئىگىرىنى ياساپ ساتىدىغان كىشىنىڭ ئوغلى ئىكەن.

0:00 / 0:00

ئۇ 1960 - يىلى ئافغانىستانغا، 1964 - يىلى ئافغانىستاندىن تۈركىيىگە كېلىپ جايلاشقان. ئۇ 1978 - يىلىغىچە تۈركىيىدە سائەت رېمونت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1980 - يىللاردا بىر كىچىك ستانوك ماشىنىسى ئېلىپ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا بۇرما مىخ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، 1991 - يىلى 5000 كۋادىرات مېتىرلىق زاۋۇت سالغان. زاۋۇتنىڭ قۇرغۇچىسى يۈسۈپ باتۇخان 2004 - يىلى 81 ياشتا ۋاپات بولغان بولۇپ، ھازىر زاۋۇتنى چوڭ ئوغلى نازىم باتۇخان بىلەن غالىپ باتۇخان باشقۇرماقتا. ھازىر ئۇنىڭ زاۋۇتىدا 40 ئىشچى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، 250 خىل مىخ ئىشلەپچىقىرىپ تۈركىيىدىكى داڭلىق كارىۋات، سافا، ئورۇندۇق ۋە ئۈستەل ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارغا ساتماقتا. يۈسۈپ باتۇخاننىڭ دادىسى كوممۇنىست خىتايلار باي دېھقان دەپ پۈتۈن مال - مۈلكىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ھېچ نەرسىسى يوق، 5 بالىسىنى ئېلىپ تۈركىيىگە كەلگەن. ئۇ قانداق قىلىپ ئىگىلىك تىكلەپ زاۋۇت ئىگىسى بولالىدى؟ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بىز كارخانىچى نازىم باتۇخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.