نازىم باتۇخاننىڭ دادىسى يۈسۈپ باتۇخان قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتنىڭ ئىگىرىنى ياساپ ساتىدىغان ھۈنەرۋەن ئاىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بۇندىن 50 يىل بۇرۇن تۈركىيىگە كېلىپ ماكانلاشقان. ئۇ 1978 - يىلىغىچە تۈركىيىدە سائەت رېمونت قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1980 - يىللاردا بىر كىچىك ستانوك ماشىنىسى ئېلىپ ھويلىسىدا بۇرما مىخ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، 1991 - يىلى قەيسەرىدىكى سانائەت رايونىغا زاۋۇت بىناسى سالغان. زاۋۇتنىڭ قۇرغۇچىسى يۈسۈپ باتۇخان 2004 - يىلى 81 ياشتا ۋاپات بولغان بولۇپ، ھازىر زاۋۇتنى چوڭ ئوغلى نازىم باتۇخان بىلەن غالىپ باتۇخان باشقۇرماقتا. ئۇ ھازىر زاۋۇتىنى دۇنيا ئۆلچىمىدە ئىلغار تېخنولوگىيىلىك زاۋۇت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
نازىم باتۇخان بىر ئۇيغۇرنىڭ قانداق قىلغاندا ئىگىلىك تىكلەپ باي بولالايدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى رادىئومىزغا ئاڭلاتتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
