نۆۋەتتە خوتەن ھەم قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر خىتاي تور بەتلىرىدىمۇ ئاساسى مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان. ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى جامائەتتىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى خاتالىقتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىر قىسىم خىتاي ئادۋوكاتلىرى يەنە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ساقچىلارنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتىن ئاجىز ئورۇندا تۇرغان ھۇجۇمچىلارنى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىشى، زىيادە كۆپ كۈچ قوللانغانلىق، قانۇنسىزلىق» دەپ ئەيىبلىمەكتە.
ئەسلىدە تولۇق قوراللانغان ساقچىلارنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى گۇماندارلارنى تىرىك تۇتۇش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي ئادۋوكاتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ھۇجۇمچىلار ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئارزۇ تەلەپلىرىنى ئاڭلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن سوت قىلمىشىغا قارىتا ھۆكۈم چىقىرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋەقە ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بېيجىڭلىق ئادۋوكات لى جيۇشى مۇنداق دەيدۇ. «ھۇجۇمچىلارنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغانلىق مەسىلىنى ھەل قىلغانلىق ئەمەس. چۈنكى ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك بولغان جىنايەتچىنىڭمۇ ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى بار. ئەمما بۇ ۋەقەلەردە ساقچىلار كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتىن تامامەن ئاجىز بولغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى قورشاپ تۇتۇش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى ئېتىۋەتكەن. ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارا قانۇنغىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگىمۇ خىلاپ قىلمىش.»
بېيجىڭلىق ئادۋوكات پۇ جىچاڭ قەشقەر ھەم خوتەن ۋەقەسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىغا قارىتا زىيادە كۈچ قوللانغانلىق قىلمىشى ئۈستىدىن ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
پۇ جىچاڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «گۇماندارلارنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاش بەكلا قورقۇنچلۇق، چۈنكى قانۇندا نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاش ھەققىدە ئېنىق بىر بەلگىلىمە يوق. ھەرقانداق بىر جىنايەت گۇماندارلىرى سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىشى كېرەك. ھازىر مېنىڭ ھېس قىلىۋاتقىنىم، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە مەيلى تېررورلۇق ھۇجۇمى ياكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك دەپ بېكىتىلسۇن، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى جىنايەت گۇماندارلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ زىيادە كۈچ قوللانغانلىق خاتالىقىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.»
پۇ جىچاڭ نۇقتىلىق ھالدا 18-ئىيۇل خوتەندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قولىدا قىڭراق ھەم پىچاقتىن باشقا قارشىلىق قورالى بولمىغان 14 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەنلىكىنى مىسالغا ئېلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىغا قارىتا زىيادە كۈچ قوللانغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىمۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەلقنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەستىنلا، تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن ئەيىبلەپ، قانلىق باستۇرغانلىقىنى، «دۆلەت تېررورچىلىقى يۈرگۈزگەنلىك» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
پۇ جىچاڭ يەنە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جەنجۇنىڭ 4-ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان تېررورچىلىققا قارشى خىزمەت يىغىنىدىكى«تېررورلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان جىنايەتچىلەرگە قەتئىي تەۋرەنمەستىن قاتتىق قوللۇق بىلەن زەربە بېرىش» دېگەن سۆزىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى.
«قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ھەممىدىن مۇھىم. نەق مەيداندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە نىسبەتەن زىيادە كۆپ كۈچ قوللىنىش دۆلەت ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇننى ئۆزى بۇزغانلىق. بۇ خىل قىلمىش ۋەقە سادىر قىلغۇچىدا قانۇنغا ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، بەلكى خىتايدا ئاز سانلىق دەپ ئاتىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ دۆلەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا بەلگىلەنگەن قانۇن-نىزاملارغا پۈتۈنلەي ئىشەنمەسلىك كەيپىياتىنى كۈچەيتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن جىنايەت گۇماندارىنى تىرىك تۇتۇش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق ئۇنى ئېتىۋېتىش، جىنايەت گۇماندارىدا ئۇنىڭ ئاخىرغىچە قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى بارغانچە كۈچەيتىپ، رايوندا تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدۇ.»