تۈركىيىدە "21 - ئەسىرنى نەسىردىن ئەپەندى ئارقىلىق چۈشىنىش" ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىك تارمىقىدىكى ئاتاتۈرك مەدەنىيەت تەتقىقات ئىدارىسى ۋە ئاقشەھەر شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈزگەن "21 - ئەسىرنى نەسىردىن ئەپەندى ئارقىلىق چۈشۈنىش" ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيىنىڭ ئاقشەھەر دېگەن يېرىدە رەسمىي باشلاندى.

0:00 / 0:00

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىك تارمىقىدىكى ئاتاتۈرك مەدەنىيەت تەتقىقات ئىدارىسى ۋە ئاقشەھەر شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈزگەن "21 - ئەسىرنى نەسىردىن ئەپەندى ئارقىلىق چۈشۈنىش" ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيىنىڭ ئاقشەھەر دېگەن يېرىدە رەسمىي باشلاندى.

8 - ماي كۈنى ئەتىگەن ئاقشەھەر مەدەنىيەت مەركىزىدە رەسمىي باشلانغان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئورخان ئەردەم، ئەخمەت بۇيۇكاققاشلار، ھۇسنۇ تۇنا، كونيا ۋالىيسى ئوسمان ئايدىن، ئاتاتۈرك مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى باشلىقى پروف. در. ئوسمان خوراتا ۋە ئاقشەھەر باشلىقى مۇستافا بالوغلى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. بۇ يىغىندا ئەزەربەيجان، گرۇزىيە، لىتۋا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ماكېدونىيە، تاتارىستان، رۇسىيە گوللاندىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 96 تەتقىقاتچى نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە يازغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

"21 - ئەسىرنى نەسىردىن ئەپەندى ئارقىلىق چۈشىنىش" ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان، ئاقشەھەر شەھەر باشلىقى مۇستافا بالوغلى، نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدە ئۆتكۈر بىر ئەقىل ۋە پۈتۈن ئىنسانلار ئېلىشقا تېگىشلىك ساۋاق بارلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭغا بىر مىسال كەلتۈرۈپ، نەسىردىن `ئەپەندىنىڭ سېنىڭمۇ توغرا `دېگەن لەتىپىسىدە، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە كۆرە توغرا دەپ قارىغان نەرسىسىنىڭ بارلىقىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى ئېيتقان. يەنە بىر لەتىپىسىدە قوشنىسىنىڭ قازىنىنى تۇغدۇرۇپ ئۆلتۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا باشقىلاردىن ئېلىشنىڭ ئاسان بېرىشنىڭ قانچىلىك قېيىن ئىكەنلىكى ئىپادە قىلىنغان. شەھەر باشلىقى مۇستافا بالوغلى سۆزىدە يەنە، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ دۇنيادا ھەجۋىي خۇشاللىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى، خۇشاللىقنىڭ بولسا بەخت ۋە سالامەتلىكنىڭ دورىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

پارلامېنت ئەزاسى ئورخان ئەردەم ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرىدە خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى، لەتىپىلەردە ئۆتكۈر ئەقىل پاراسەتنىڭ بارلىقىنى، 21 - ئەسىردە پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ نەسىردىن ئەپەندىنى ئوقۇش ئارقىلىق خۇشاللىق ئىزدىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

بىز بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، خەلق ئەدەبىياتى پروفېسسورى فىكرەت تۈركمەن ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

پروف. در. فىكرەت تۈركمەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ نەسىردىن ئەپەندىنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىدا دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا رادىئوغا گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆزىنى بەكلا بەختلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: " بىز ھازىر نەسىردىن ئەپەندىنىڭ كۆرگەن ئاڭلىغان ئويلىغانلىرىنى ھېس قىلىۋاتىمىز، چۈنكى ھازىر نەسىردىن ئەپەندىنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىدا دۇئا قىلىپ چىقتۇق. 800 - يىلدىن بېرى نەسىردىن ئەپەندى كۈندىن كۈنگە جانلىنىپ بىزنى چاقىرىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە نەسىردىن ئەپەندى ئىنسانلىق ئالىمىنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلىپ، بىر بىرى بىلەن دىئالوگ قۇرۇشقا، بىر بىرىنى سۆيۈشكە، بىر بىرىگە زۇلۇم قىلماسلىققا چاقىرىۋاتىدۇ. نەسىردىن ئەپەندى دېگەنلىك خۇشاللىق، بەختلىك دېمەكتۇر. ئەمما بۈگۈن دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە زۇلۇم، كۆز يېشى داۋام قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا مىللەتلەرنى بىر - بىرىنى سۆيۈشكە چاقىرىۋاتىدۇ نەسىردىن ئەپەندى. مەن ھازىر ئۆزۈمنى بەكلا بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن."

نەسىردىن ئەپەندىنىڭ 700 يىل بۇرۇنقى لەتىپىلىرىدە بۈگۈنكى ئەھۋالنىڭ ئاڭلىتىلغانلىقىنى ئېيتقان پروف. در. فىكرەت تۈركمەن ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: "نەسىردىن ئەپەندىنى خەلقىمىز زامان ۋە ماكانىڭ سىرتىغا چىقارغان. شۇڭا نەسىردىن ئەپەندى 12 - 13 - 14 - 15 - ئەسىرنىڭ ئادىمى ئەمەس، نەسىردىن ئەپەندى ھەر ئەسىرنىڭ ئادىمى. خەلق ئۇنىڭغا قەلبىدە شۇنداق بىر يەر بەرگەنكى، سەن زامان ۋە ماكانىڭ سىرتىدا دېگەن. شۇڭا نەسىردىن ئەپەندى 21 - ئەسىردە بارمۇ دەپ سوراش خەلقنىڭ بۇ ئىدىيىسىدە خىلاپتۇر. مېنىڭ ئىلمىي ماقالەمنىڭ تېمىسىمۇ نەسىردىن ئەپەندىنىڭ كۆزى بىلەن 21 - ئەسىرگە قاراش ئىدى. نەسىردىن ئەپەندىنىڭ پۈتۈن لەتىپىلىرىدىن 21 - ئەسىرنىڭ ئىزلىرىنى تاپالايسىز. نەسىردىن ئەپەندىنىڭ 700 يىل بۇرۇنقى لەتىپىلىرىدە بۈگۈن ئاڭلىتىلغان."

پروف. در. فىكرەت تۈركمەن ئەپەندى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق قىممىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى: "تۈركىي مىللەتلەرنىڭ خىيالى ئوي پىكرى، بىر نەرسىگە بەرگەن رېئاكسىيىسى ئورتاق. تۈركىي مىللەتلەر نەدە بولسا بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش نەرسىنى ئويلايدۇ. شۇڭا نەسىردىن ئەپەندى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا ئوخشاش دەرىجىدە بىلىنىدۇ، ياخشى كۆرۈلىدۇ. يەنى نەسىردىن ئەپەندى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئوي پىكرىنىڭ تەرجىمانىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ ياردەم قىلسۇن. شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن ئېزىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا سالامىمىزنى يوللايمىز."

نەسىردىن ئەپەندى تۈركىيىنىڭ ئەسكى شەھەر ۋىلايىتىنىڭ سىۋرىھىسار ناھىيىسىنىڭ خورتۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، تۈركىيىنىڭ ئاقشەھەر دېگەن يېرىدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ دادىسى خورتۇ يېزىسىنىڭ ئىمامى ئابدۇللاھ ئەپەندى، ئانىسى خورتۇ يېزىسىدىن سىدىقا خاتۇندۇر. نەسىردىن ئەپەندى سىۋرىھىساردىكى مەدرىسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، دادىسى ئۆز يۇرتى خورتۇ يېزىسىغا كېلىپ دادىسىنىڭ ئورنىغا ئۇ يېزىنىڭ ئىمامى بولغان. ئۇ 1237 - يىلىدا خورتۇ يېزىسىدىن ئاقشەھەرگە كۆچۈپ كېلىپ جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يەردە بىر مەزگىل ئىمام كېيىن قازى بولۇپ ئىشلىگەن. ئاقشەھەردە ۋاپات بولغان بولۇپ، ھازىر قەبرىسى ئاقشەھەردىدۇر. ھەر يىلى ئاقشەھەردە نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.