تۈركىيىنىڭ نەۋشەھىر شەھىرىدە تۈرك ئىنسان ھەقلىرى يىغىنى ئوتكۆزۈلمەكتە

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ نەۋشەھىر شەھىرىدە تۈرك دۇنياسىدا ئىنسان ھەقلىرى تېمىلىق يىغىن ئېچىلماقتا.

0:00 / 0:00

يىغىننى تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى بىلەن نەۋشەھىر شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىنغا ئىراق تۈركمەنلىرى، ئاغىسكا تۈركلىرى، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، ماكىدونيا، تاتارىستان ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، نەۋشەھىر ۋالىسى ئوسمان ئايدىن، ئورگۈپ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى فاھرى يىلدىز قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ، مۇخبىرىمىز ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ ھەيئەتنى، ئورگۈپ خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە نەۋشەھىر تۈرمىسىنى زىيارەت قىلدۇرۇپ تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يىغىننىڭ 2-كۈنى يەنى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى، تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ئۆز دۆلىتىدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرمەكچى.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ رەئىسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى يىغىندا دوكلات بەرمەكچى.
يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن ئەنقەرەدىن ئەركىن تارىمنىڭ نەق مەيداندىن ئەۋەتكەن پروگراممىسىنى رادىئو كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئاڭلىغايسىلەر.