نيۇيوركتا يۈز بەرگەن «ۋولت سترىتنى ئىشغال قىلىش» نامايىشى ھەققىدىكى ئىنكاسلار

2011-يىلى 9‏-ئاينىڭ 17-كۈنى نيۇيوركتا باشلانغان «ۋولت سترىتنى ئىشغال قىلىش» ناملىق ئاممىۋى نامايىش، لوس ئانجىلىس، سان فرانسېسكو، چىكاگو قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە كېڭەيدى.

0:00 / 0:00

«ۋولت سترېت» دېگەن ئامېرىكىدىكى نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ مانخاتون رايونىدىكى بىر كوچىنىڭ نامى. ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرى مۇشۇ كوچىغا جايلاشقان بولغاچقا، كىشىلەر ئادەتتە بۇ كوچىنى «ئامېرىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى» دەپ ئاتايدۇ ياكى قىسقارتىپ «پاي بازىرى»، «پۇل بازىرى» دەپمۇ ئاتايدۇ.

خۇفىڭتون پوست گېزىتنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا نيۇ-يورك شەھىرىدىكى مۇشۇ ئاۋات كوچىغا جايلاشقان پاي بازىرىدا، «ۋولت سترىتنى ئىشغال قىلىش» دەپ ئاتالغان ئاممىۋى نامايىش باشلانغان ئىدى. بۇ نامايىشنى «زۇكوتتى باغچىسى» دەپ ئاتىلىدىغان جايدا ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماق يەيدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوزغىغان. ئۇلار ئامېرىكىدا پەيدا بولغان ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەڭسىزلىك مەسىلىلىرى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ نەپسانىيەتچى بولۇپ كەتكەنلىكى، ھۆكۈمەت ساھەسىدىكى سىياسىيونلارنىڭ چىرىكلىشىپ كېتىپ خەلق بىلەن كارى بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراشقا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بۇ جايدا نامايىش قىلغان. ئۇلار ئامېرىكىدا ساقلىنىۋاتقان بۇ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «ۋولت سترىتنى ئىشغال قىلىش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىشچىلار قوزغىغان بۇ نامايىشقا زىيالىيلارمۇ كېلىپ قاتناشقان. ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىپ بولغان، ئەمما تېخىچە بېرەر خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغان جۈلىيەن خارىسسوننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ھەممە يېرىدە ئوقۇتقۇچىلارنى خىزمەتتىن قىسقارتىش داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ يۇرتى پورتلەندىدە، ھەتتا ماگىستىر ئۇنۋانى بار كىشىلەرنىڭمۇ قەھۋەخانىلارغا ئىشقا كىرەلىشى ئاسان ئەمەس. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى ھۆكۈمەت ساھەسىدىكى سىياسىيونلارنىڭ چېرىكلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭلاشقا ئۇ ھازىر، زۇكوتتى باغچىسىدا يېتىپ-قوپۇپ نامايىش قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.

س ن ن، س ب س تېلېۋىزىيىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، نيۇ-يورك شەھىرىدە يۈز بەرگەن «ۋولت سترىتنى ئىشغال قىلىش» دەپ ئاتالغان ئاممىۋى نامايىش ھازىر بارغانسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ. گەرچە ساقچىلار نامايىشچىلارنى، شەھەر قاتنىشىغا توسقۇنلۇق قىلدىڭ، دەپ تۇتۇپ قويۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان ئادەم سانى يەنىلا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ھازىر بۇ نامايىش لوس ئانجىلىس، سان فرانسېسكو، چىكاگو قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگىچە كېڭىيىپ بولدى. بۇ نامايىشنى ھازىر جايلاردىكى قاتناش ئۇيۇشمىسى، ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسى، سېسترالار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق كەسىپ-ساھەلەر بويىچە قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ كەينى-كەينىدىن قوللاپ چىقىۋاتىدۇ.

ھازىر ۋولت سترىت كوچىسىدا ھەر كۈنى نامايىش قىلىدىغان ئادەم سانى ئون مىڭدىن ئاشتى. نامايىشچىلار كۆتۈرۈۋالغان لوزۇنكىلاردا، ۋولت سترېتتىن باج ئېلىش كېرەك، خەلق كۈچلۈكتۇر، ئىشسىز قالغان خەلق داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمەيۋاتىدۇ دېگەن خەتلەر يېزىلغان. نامايىشچىلار قوشۇنى ئىچىدە مېھمان كۈتۈش ئۇيۇشمىسى دېگەن ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ نامى يېزىلغان خىتايچە لوزۇنكىلارمۇ كۆرۈنىدۇ، ھەتتا نامايىشچىلار ئىچىدە كوممۇنىست خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغانلارمۇ بار.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، نيۇيوركقا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ نامايىش ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى ھەرخىل. بېزىلەر، ئامېرىكىنىڭ سىياسىئونلىرىدىكى چېرىكلىك مەسىلىسى ھەل قىلىنسا، ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەل بولىدۇ، دېسە، يەنە بېزىلەر، نيۇ-يورك شەھىرىنى كاپىتالىستلار قۇرغان، مانا ئەمدى نيۇ-يورك شەھىرىدە، نامراتلار سىنىپى كۈرەش قىلىشقا باشلاپتۇ، دېگەن. بېزىلەر، بۇ، دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى يەپ-يالماپ تۈگەتمىگۈچە توختىمايدىغان كوممۇنىزمچى ھۇرۇنلار نامايىشى ئىكەن، دېگەن.

ۋىكى ئىنىسكلوپېدىيىىسدە بايان قىلىنىشىچە، نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ۋولت سترىت كوچىسى مىلادى 1640-يىلىدىن باشلاپ ئامىستېردام كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئاۋات قىلىنىشقا باشلىغان. 1792-يىلى، مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ كوچىدا پاي بازىرى قۇرغان. ئامېرىكىنىڭ مورگان ستەنلى قاتارلىق ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە شىركەتلىرى 1914‏-يىلىدىن باشلاپ ئىش بىنالىرىنى مۇشۇ كوچىغا كۆچۈرۈپ كېلىشكە باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا ئامېرىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلىنىپ، كاپىتالىزمنىڭ مۇھىم سىمۋولى بولۇپ قالغان بۇ كوچا، 1929‏-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىسنى، 2001‏-يىلى 11-سېنتەبىردىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى بېشىدىن كەچۈرگەن. 2011‏-يىل 9‏-ئاينىڭ 17‏-كۈنىدىن باشلاپ بۇ كوچىدا يەنە داغدۇغىلىق ئاممىۋى نامايىش بولۇۋاتىدۇ.