بىر ھەپتە نەزەربەند قىلىنغان ئىلھام توختى ئەپەندى 15- دېكابىر كۈنى ئۆيىگە قايتىپ كەلدى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بۈگۈن 15-دېكابىر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 9 ئەتراپىدا بېيجىڭدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن. ئىلھام توختى ئەپەندى بۈگۈن ۋاشىنگتون ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:30 دا رادىئومىز مۇخبىرى مېھرىباننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ 10- دېكابىر كۈنى خەينەن ئارىلىغا «ساياھەت» كە ئېلىپ كېتىلىپ، بۈگۈن بېيجىڭدىكى ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

ئىلھام توختى ئەپەندى بۈگۈن ئەتىگەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن خەينەن ئارىلىغا ئېلىپ كېتىلگەن مەزگىلدىكى ئەھۋالىنى بايان قىلدى.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى «ساياھەت»نىڭ ئىلگىرىكىدىن پەرقى، دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى 10 ‏- دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنى، ئۇنى ئايالى ھەم نارەسىدە ئىككى ئوغلى بىلەن بىللە «ساياھەت» نامىدا خەينەن ئارىلىغا ئېلىپ كەتكەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشى سەۋەبلىك ئائىلىسىدىكىلەرنىڭمۇ ئۆزى ئىلگىرى يۈزلىنىۋاتقان قىسمەتلەرگە يولۇققانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە بۇ قېتىمقى «ساياھەت » جەريانىدا ئەمدىلا 9 ئايلىق بولغان كىچىك ئوغلىنىڭ نورمال تۇرمۇش رىتىمى بۇزۇلغىنى ئۈچۈن خېلىلا جۈدەپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولۇشى، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان بېيجىڭدىكى زىيالىيلار، ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرى ھەم بىر قىسىم چەتئەللىك دوستلىرىنىمۇ ئەنسىرەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى مۇخبىرنىڭ ئۇنىڭ بۇ قېتىم دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن «ئالاھىدە ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى»نىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ئېلىپ كېتىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ مۇرەككەپ ھەم كۆپ خىل ئامىللارغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىر ئايدىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش قېتىم سانىمۇ بارغانچە كۆپەيگەن. ئۇنىڭ «ئالاھىدە ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى» غا ئۆز لېكسىيىلىرىدە جۇڭگونىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا ئوخشاش سەزگۈر تېمىلارنى سۆزلىگەنلىكى، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبو ئەپەندى ھەم ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شيا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ھەم ئۆزىنىڭ چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرگە قارىتىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقىدەك كۆپ خىل ئامىللار سەۋەب بولغان ئىكەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ توردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى، لېكسىيىلىرى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك 1994- يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم دائىرىلەر تەرىپىدىن ھەر خىل ناملاردا چاقىرتىلىپ سوراق قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە بۇ قېتىم خەينەن ئارىلىدىكى «سۆھبەت»نى ئىلگىرىكى بىر نەچچە قېتىملىق «ئالاھىدە سۆھبەت»لەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇ قېتىم دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئىلمىي ھەم سىلىق مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا بۇ قېتىم ئۆزى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلەر گەرچە سىلىق مۇئامىلىدە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى، مۇھىمى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۆزى تاللىۋالغان يولى ھەم ئىرادىسىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، ئۇيغۇرلار ھەم خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خىتايدىكى دېموكراتىيە ھەم كىشىلىك ھوقۇقنى تەلەپ قىلغۇچى بارلىق زىيالىيلارغا قارىتىلغان نازارەت ھەم تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەن.

خۇ پىڭنىڭ قارىشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدىن چىققان ئاۋانگارتلاردىن ئىكەن. شۇڭا بۇ قېتىم خىتاي تۈرمىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خىتايدا قانۇن ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ باشلامچىسى ليۇ شياۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىلىش مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى 40 تىن ئارتۇق مەشھۇر زىيالىي، سەنئەتكارلار قاتارىدا ئىلھام توختى ئەپەندىنىمۇ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىشى مۇقەررەر ئىكەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى بۇلتۇر «5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەرىپىدىن «ۋەقەنىڭ پارتلىشىدا ئۇيغۇر بىز تورى قۇتراتقۇلۇق قىلغان» دەپ ئەيىبلىشى سەۋەبلىك، خەينەن ئارىلىغا ئېلىپ كېتىلىپ، بىر ئايدىن ئارتۇق نەزەربەند قىلىنغان ئىدى.«5- ئىيۇل ئۈرۈمچى» ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرى تاقىلىپ، «ئۇيغۇربىز»، «دىيارىم»، «شەبنەم» قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بەتلىرىنىڭ ساھىبلىرى ھەم تور بەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلغانلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر قىسمىغا جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيىلىك قانۇنى ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، بېيجىڭدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تەقدىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلار دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.