ئۇيغۇر بالىسى - نەزەرغوجا ئەبدۇسەمەتوف ھەققىدە ئەسلىمىلەردىن
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان
2012.03.09
2012.03.09
شۇ دەۋىردىكى قېلىپلاشقان ئىجتىمائىي - سىياسىي ۋەزىيەت، بولۇپمۇ ھەر ئىككى تەرەپتە يۈز بەرگەن سىياسىي تەقىبلەشلەر نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭغا قارىماي ئۆزلىرىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۇيغۇر نامىنى تىكلەشكە، ئۇيغۇرنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ھەمدە ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەرپ قىلغان بۇ يارقىن سىمالار بۈگۈنكى كۈندىمۇ خەلقنىڭ قەلبىدە ساقلانماقتا. ئەنە شۇنداق شەخسلەرنىڭ بىرى نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفتۇر.
ن. ئابدۇسەمەتوف 1887 - يىلى ھازىرقى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ غالجات يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى، تارىخى، مەدەنىيىتى ھەققىدە ئەسەرلەر يېزىپ، ئۇيغۇرلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا، شۇنداقلا رۇسىيىنىڭ باشقىمۇ رايونلىرىدىكى خەلقلەرگە تونۇشتۇرغانلىقى مەلۇمدۇر. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەدىب ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قانچە رايونلىرىنى ئارىلاپ چىققاندىن كېيىن 1914 - يىلى ئۆزىگە «ئۇيغۇر بالىسى» دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسنى قويغان. ن. ئابدۇسەمەتوفنىڭ كۆپلىگەن ئەمگەكلىرى «شورا» ژورنىلىدا بېسىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ بىر قاتار ئەدەبىي ئەسەرلىرى بىلەنمۇ تونۇلغان. ئەدىب 1929 - يىلى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ جاغىستاي يېزىسىغا كۆچۈپ چىققان، 1951 - يىلى ۋاپات بولۇپ، خونىخاي مازىرىغا دەپنە قىلىنغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى مەخسۇت ئاكا ئىبراھىموف نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ ھاياتى ھەققىدە توختالدى.