نىلقا ناھىيىسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نىلقا ناھىيىسىدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى بۇ يىل 18-ئىيۇل ھەم 30 ، 31-ئىيۇل كۈنلىرى خوتەن ھەم قەشقەردە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھەم خىتاي پۇقرا-ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن باشلانغان.
بۇ قېتىمقى تۇتقۇندا ئۆزى تونۇيدىغان بىرنەچچە ياشنىڭ ئاياللىرى روپاش ھالەتتە يۈرگىنى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئۇيغۇر، ناھىيە تەۋەسىدە پات-پات ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ خىل تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىقى دىنىي ئېتىقادى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئۇيغۇر ئۆز بايانىدا يەنە، يېقىندىن بۇيان ئۆزىگە ئوخشاش ئىلگىرىكى يىللاردا بالىلىرى ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەر خىل سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلىلەرنىڭ ساقچىلارنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىم نىلقىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە بىر تۇغقان ئىنىسىنىڭ « دىنىي تەبلىغ ئېلىپ باردى» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر خانىم، ئىنىسىنىڭ تۇتقۇن مەزگىلىدە، تۈرمىدە سوراق جەريانىدا يولۇققان ھەر خىل قىيىن - قىستاقلار سەۋەبىدىن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالغىنى ئۈچۈن، دائىرىلەرنىڭ ئۇنى تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىللىككە قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىنىسى ھەم بۇ ئائىلىگە قارىتىلغان نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ خانىم ئۆز بايانىدا يەنە، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەم دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى بارغانچە كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دىنىي ئېتىقادنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۈچىيىپ، ناماز ئوقۇيدىغان، روزا تۇتىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانچە كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىۋاتقان، پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى « قانۇنسىز دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىش» نامىدا چەكلەپ، باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئەھۋال ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، ئۇيغۇر ،تىبەت ،موڭغۇل قاتارلىق دىنىي ئېتىقادى بار مىللەتلەرنىڭ ئۆز دىنىي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى چەكلەش سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00