پروفېسسور نىشىھارا ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت

ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ياۋروپا سىياسىي - ئىقتىسادىغا ئائىت ئەسەرلىرى بىلەن ياپونىيىدە تونۇلغان سىياسى - ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ياردەمچىسى، كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەدەنىيەت - ئۇچۇر فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى نىشىھارا سېئىجە ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق.

0:00 / 0:00


2008 - يىلىدىكى «مەھمۇت قەشقەرى» ناملىق تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىننىڭ پىلانلىغۇچىسى، 2009 - يىلىدىكى ياپونىيىدىكى داڭلىق 10 ئۇنىۋېرسىتېتتا 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمگە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى ھازىرلىغۇچى ۋە شۇنداقلا 2010 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى ئۇنۇتماڭ» ناملىق پائالىيەتنىڭ ياردەمچىسى، «رابىيە قادىردىن ئاقسارايغا مەكتۇپلار»، «مىڭ ئانا شىركىتى ۋە خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرى»، «رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمىھالى توغرىسىدىكى كىتاب ھەققىدە ئومۇمىي چۇشەنچە» ۋە «5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە خىتايدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان پروفېسسور دوكتور نىشىھارا سېئىجى ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بەزى قاراشلىرى ئۈستىدە بولغان سۆھبىتىمىز تۆۋەندىكىچە.

سوئال: ھۆرمەتلىك نىشىھارا سېئىجە ئەپەندى، ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇشىڭىز ھەققىدە قىسقىچە توختالغان بولسىڭىز؟

- بىز خىتايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىبارەت بىر زېمىننىڭ بارلىقىنى بىلىمىز شۇنداقلا بۇرۇن مەن خىتايدىكى بارلىق مىللەتلەرنى چىراي شەكىل جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش دەپ قارايتتىم. ئەمەليەتتە مەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن تىل،دىن ۋە باشقا جەھەتلەردە پەرقلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

سوئال: سىز نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ياپونىيىدە سەھنە ھازىرلاپ بەردىڭىز؟

- كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىدىكى نەزىرىيىسى جەمئىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنى باراۋەر ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش ئىدى. ئەمما، خىتايدىكى كوممۇنىستلار بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي مىللىتىدىن باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش، پەس كۆرۈش ئىدىيىسىدە بولدى. ئىنسانلار باراۋەر، ئەركىن ھالدا ياشىشى كېرەك. مەن مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ ئۇيغۇرلارغا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشى ئۈچۈن ياپونىيىدە سەھنە ھازىرلاپ بەردىم.

سوئال: ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ماقالە، ئەسەرلىرىڭىز ۋە كەلگۇسىدە ئېلان قىلماقچى بولغان ئەسەرلىرىڭىز ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

- «رابىيە قادىردىن ئاقسارايغا مەكتۇپلار» ناملىق كىتابىمنى ئېنگىلىز تىلىدا نەشر قىلدۇرۇپ، بۇ يىل توكيودا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە ئۆزەم بېرىپ سوۋغا قىلدىم. ئۇندىن باشقا «رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمىھالى ناملىق كىتاب ھەققىدە ئومۇمىي چۇشەنچە» دېگەن ئەسەرنى يازدىم ۋە شۇنداقلا «مىڭ ئانا شىركىتى ۋە خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرى»، «5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە خىتايدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى» ناملىق ئەسەرنى ئېلان قىلدىم. ھازىر بولسا «خىتايدىكى مىللەتلەر توقۇنۇشى» دېگەن ئەسەرنى يېزىۋاتىمەن.

سوئال: سىز 8 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدىن 9 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرىغىچە ئامېرىكا ۋە گېرمانىيىدىكى بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتلەردە لېكسىيە سۆزلىمەكچىكەنسىز، مۇشۇ جەرياندا شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلرى بىلەن ۋە ياكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولۇش پىلانىڭىز بارمۇ؟

- ئەسلىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدىم. ئامېرىكىدىكى ۋاقتىم بەك قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇچرىشىش مۇمكىن بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلەر توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى. بەلكىم شۇ چاغدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىم بولۇپ قالار.

سوئال: ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللاپ قۇۋەتلىگەنلىڭىز ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرپىدىن ئاۋارىچىلىققا يولۇقتىڭىزمۇ؟

- رابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيىگە تەكلىپ قىلغان ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق پائالىيەتكە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىشتەك ھەرىكەت ۋە قارشىلىقلاردا بولدى.

سوئال: رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا دەيدىغان بىر - ئىككى كەلىمە سۆزىڭىز بارمۇ؟

- ئەرەبلەردە ئەرەب باھارى ھەرىكىتى بولدى. بۇ ئىنقىلاب ئىنتېرنېت تورلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى. خىتايدا بولسا پويىز ۋەقەسى يۈز بېرىپ ۋەقەنىڭ ھەققىي ئەھۋالىنى ئىنتېرنېت تورلىرىدا ئېلان قىلىندى. خىتاي ھوكۇمىتى گېزىت، ژۇرناللارنى كونترول قىلىپ ئۇچۇرلارنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. مەن ئىشىنىمەنكى، «ئەرەب باھارى» خىتايدىمۇ چوقۇم ئېلىپ بېرىلىدۇ.