نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئاياللارغا شەرەپ كەلتۈردى

بۈگۈن نورۋېگىيىدە تۇرۇشلۇق نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى 2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى 3 ئايال كىشىگە بېرىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-10-07
Share
nobel-uch-ayal-305.jpg 2011-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇچ ئايال. 2011-يىلى 7-ئۆكتەبىر، پارىژ.
AFP

2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىندى. بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى دېموكراتىيە ۋە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى قوغداش يولىدا خىزمەت كۆرسەتكەن 3 قەھرىمان ئايالغا بېرىلدى. بۇلار لىبېرىيە پرېزىدېنتى ئەللېن جونسون سىرلىف، لىبېرىيىدىكى ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپلەردە خىزمەت قىلغان ئايال پائالىيەتچى لەيماھ بۈۋى ۋە يەمەندىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ تونۇلغان ئىسىملىرىدىن بىرى بولغان تەۋەككۈل كارمان.

«تۆمۈر ئايال» دەپ بىلىنىدىغان لىبېرىيە پرېزىدېنتى ئەللىن جونسون سىرلىف لىبېرىيىدە تىنچلىقنى ئورنىتىش ۋە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ، 2006-يىلى لىبېرىيىنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلىنىپ، ئافرىقا قىتئەسى بويىچە سايلام ئارقىلىق تاللانغان تۇنجى ئايال پرېزىدېنت بولۇپ قالغان. نوبېل مۇكاپاتىنى ئالغان ئىككىنچى ئايال لەيماھ بۈۋى بولسا 2003-يىلى ئىچكى ئۇرۇش تۇمانلىرى ئىچىدە قالغان لىبېرىيىدە تىنچلىق ھەرىكىتىنى باشلىغان. ئۇ دۆلىتىدىكى مۇسۇلمان ۋە خرىستىئان ئاياللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ لىبېرىيىدىكى تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىشىغا سەۋەب بولغان شۇنداقلا ئەللىن جونسون سىرلىفنىڭ پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشىغا ئاساس سالغان. بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ يەنە بىر ساھىبى يەمەنلىك ئايال تەۋەككۈل كارمان يەمەندىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئازاد قىلىنىشى يولىدا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن. ئۇ شۇنداقلا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئەرەب ئايال ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن تەۋەككۈل كارمان ئەسلىدە 3 بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ يەمەندە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ يەمەندىكى ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرنىڭ تونۇلغان سىمالىرىدىن بىرى، ئۇ 2007-يىلىدىن بېرى يەمەندە قۇرۇلغان «كىشەنسىز ئايال ژۇرنالىستلار» تەشكىلاتىغا باشچىلىق قىلغان ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا خىزمەت قىلىپ، يەمەندىكى ئۆكتىچى ھەرىكەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ قىلغان. ئۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا تۇنىس ۋە مىسىردىكى ھەرىكەتلەر باشلىنىشتىن ئىلگىرى، يەمەندىمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىشقا تەييارلىق قىلغان. ئۇنىڭ بىرىنچى ئايدا يەمەن دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى خەلق ئاممىسىنى غەزەپلەندۈرگەن ۋە خەلقىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغا ئاۋاز قوشۇشىغا سەۋەب بولغان. قوللىغۇچىلىرى ئۇنى «ئىنقىلابنىڭ ئانىسى» دەپ ئاتايدۇ. نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئۇنىڭغا بېرىلىشىنىڭ يەمەندىكى ھاكىمىيەتكە قارشى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە ئىلھام بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

تەۋەككۈل كارمان مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ب ب س تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن نۇتقىدا بۇنى دىكتاتورىلىققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئەرەب ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى، دەپ ئاتىدى.

-مەن ھازىر ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. بۇ، 8 ئايدىن بېرى چېدىرلاردا يېتىپ-قوپۇپ دىكتاتورىلىققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ غەلىبىسى. بۇ، يەمەن ئىنقىلابىنىڭ، يەمەن ياشلىرىنىڭ غەلىبىسى. بۇ شۇنداقلا ھەم تۇنىس، مىسىر، سۈرىيە، لىۋىيىلىكلەرنىڭ جۈملىدىن دىكتاتورىلىققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئەرەب ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى!

تەۋەككۈل كارمان سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە، دۇنيا خەلقىگە مۇھىم سىگنال بېرىپ مۇنداق دېدى:
-مۇسۇلمانلار تىنچلىقنى سۆيىدىغان ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرغان بىر خەلق. ئەمما كىم مۇسۇلمانلارنى تېررورچى دەيدىغان خاتا ئۇقۇمنى دۇنياغا تارقاتتى؟ مانا مۇشۇنداق دىكتاتورلار بىزنى تېررورچى قىلىپ كۆرسەتتى. مانا بىز ئەمدى ئەركىنلىكىمىزنى، غۇرۇرىمىزنى قولغا ئالدۇق. بىز ئەمدى ئۆز-ئارا دىئالوگ ئۆتكۈزۈشىمىز، بىر-بىرىمىزنى تونۇشىمىز، چۈشىنىمىز كېرەك ۋە بۇ دۇنيادا تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىرلىشىشىمىز كېرەك. شۇڭا بىزگە قولۇڭلارنى ئۇزىتىڭلار، بىزمۇ سىلەرگە قولىمىزنى ئۇزىتىمىز.

نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان 110 يىلدىن بۇيان بۇ مۇكاپاتقا كۆپىنچە ھاللاردا ئەرلەر ئېرىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ نۆۋەت مۇكاپاتنىڭ ئاياللارغا بېرىلىشىنى ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن تەڭ-باراۋەرلىكىنى تەكىتلەش ۋە دۇنيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشنى مەقسەت قىلغانلىقى مەلۇم. نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى توربجورن جاگلەند مۇكاپاتنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا قىلغان نۇتقىدا «ئاياللار جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدا ئەرلەرگە ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە بولمىغۇچە، بىز دۇنيادا دېموكراتىيىنى ۋە تىنچلىقنى بەرپا قىلالمايمىز، بۇ مۇكاپات دۇنيادىكى بارلىق ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر سىگنال» دېدى.

خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئارقا-ئارقىدىن بۇ ئۈچ قەھرىمان ئايالنى تەبرىكلەپ باياناتلارنى ئېلان قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ 3 ئايالنى تەبرىكلىدى ۋە نوبېل كومىتېتىنىڭ ھەرىكىتىنى ئالقىشلىدى. ئۇ «دۇنيادىكى بارلىق ئاياللار ئۆز ھوقۇقىنى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، تىنچلىق ۋە دېموكراتىيىنىڭ ئورنىتىلىشىدا باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى، بۇ مۇكاپات ئارقىلىق دۇنياغا 21-ئەسىرنىڭ ئاياللارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدا باراۋەر ئورۇنغا ئىگە بولىدىغان ئەسىر ئىكەنلىكىنىڭ سىگنالىنى بەردى» دېدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى كېننېت رۇس بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بۇ مۇكاپات، دۇنيادا ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ دېموكراتىيىگە، تىنچلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ھارماي-تالماي كۈرەش قىلغان ۋە ھېلىھەم قىلىۋاتقان بارلىق ئايال قەھرىمانلارغا مەنسۇپ» دېدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت