نورۋېگىيىدىكى خىتايلار نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا قارشى نامايىش قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا

نورۋېگىيىدىكى خىتاي تەشكىلاتلىرى خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىشىغا قارشى بولغان ھەر خىل نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندا ئىگىلەنگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نەچچە يۈزلىگەن خىتايلار نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ليۇ شاۋ بوغا بېرىلىدىغان 10-دېكابىر كۈنى نامايىش قىلىشنى پىلانلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار ھازىردىن باشلاپ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇ شاۋ بوغا قارشى ئىمزا قويۇش ھەرىكىتىنىمۇ باشلىغان.

نوبېل ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى گېئىر لۈندېستادقا بەزى خىتايلاردىن كەلگەن تېلېفۇندىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى نارازىلىق پائالىيىتىنىڭ ئىختىيارى يوسۇندا ئەمەس، مەجبۇرلاش خاراكتېرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا قارشى نامايىش قىلىشقا ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.

خىتاي قوللىغۇچىلىرى ئۆزىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى

نورۋېگىيىنىڭ داڭلىق تېلىۋىزىيە قانىلى بولغان ن ر ك مۇخبىرلىرى بىر قىسىم قوللىغۇچى خىتايلارنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇلار سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنى ئاشكارا كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ نورۋېگىيىدىكى ھەر قايسى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇلار مۇنداق دېگەن: بىز بۇ مۇكاپاتنى ئۆزلىرىمىز ئورۇنلاشتۇرغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق باشقىچە ئۇسۇل بىلەن قوللاپ كەلدۇق. بۇ يەردىكى خىتايلار خىتايغا بېرىپ- كېلىشتە توسالغۇغا ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈۋاتىدۇ. لېكىن يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

نۆۋەتتە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ليۇ شاۋ بو تۈرمىدە، ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شىيا بولسا يەنىلا ئائىلىگە نەزەربەند قىلىقلىق پېتى تۇرماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدىكى داڭلىق سىياسەتچى نانسي پىلوسى خانىم، خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ۋە 1989-يىلدىكى بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ ھازىر چەتئەللەردە ياشاۋاتقان داڭلىق خىتاي دېموكراتچلىرىمۇ بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا قاتنىشىدىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مۇراسىمغا قاتناشماقچى بولغانلاردىن ۋاڭ دەن تەكلىپنامىغا ھازىرچە جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە يېزىلغان خەۋەرلەردە فاڭ لىجىج، خەررىي ۋۇ، ياڭ جيەنلى، بو فۇ قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردا دېموكراتىك پائالىيىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ تونۇشتۇرۇلغان شۇنداقلا ياۋروپا ھەم شاڭگاڭ،تەيۋەنلەردىن مېھمانلارنىڭ كېلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

خىتايلار نارازىلىق خېتى تاپشۇرماقچى

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان نورۋېگىيىدىكى خىتاي ئاكتىپلىرىدىن يا مىڭيۈئەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ 400دىن ئارتۇق نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ئىمزاسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ئۇ دۈشەنبە كۈنى يەنە بىر پارچە نارازىلىق خېتىنى قوشۇپ نوبېل كومىتېتىغا تاپشۇرماقچى بولغان. ئۇ كۆپلىگەن خىتايلارنىڭ ليۇ شاۋ بونى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى،ليۇ شاۋ بونىڭ يا تىنچلىق پەيدا قىلالمىغانلىقىنى ياكى خىتاينىڭ دېموكراتىيىسى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىيە ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى يۆلۈنۈشكە قاراپ كېتىۋاتماقتا ئىكەن.
ئىگىلىنىشچە، نوبېل كومىتېتىغا تاپشۇرۇلماق بولغان خەتتە مۇنداق مەزمۇنلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن : مۇكاپاتنىڭ بىر جىنايەتچىگە بېرىلىشى بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى قاتتىق ئاغرىتتى ۋە بىزنى ھەيران قالدۇردى. بىز بۇ مۇكاپات خىتاي ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا بىر ئاكتىپ ئىسلاھات ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىمايمىز.

بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى، خىتاي ئەلچىخانىسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ نورۋېگىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا 10-دېكابىردىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىق ھەققىدە مەخسۇس خەت ئەۋەتكەن بولۇپ، ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى مۇراسىمغا قاتناشماسلىق ھەققىدە خىتاي ئەلچىخانىسىغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ خېتىگە پىسەنت قىلمىغان ئىدى.