نوبېل ئىنىستىتۇتى بولسا 1904 - يىلى 1 - فېۋرالدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ نوبېل كومىتېتىنىڭ قايسى كىشىگە نوبېل مۇكاپاتى بېرىشكە قارار چىقىرىشىغا يېقىندىن ياردەملىشىدۇ. ئىنستىتۇتنىڭ باشلىقى نوبېل كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.
خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە نوبېل ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىگە خاككېر ھۇجۇم قىلغان ۋە بۇ تور بېتىنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ كومپيۇتېرىغا ئاپتوماتىك ھالدا ئىشپىيونلۇق پروگراممىسى قاچىلىنىپ قالغان. كېيىن بۇ تور بېتىنى زىيارەت قىلغان كۆپ سانلىق كىشىلەر ئېلېكترونلۇق خەتكە قوشۇپ ئەۋەتىلگەن ، قوشۇمچە ھۆججەت شەكلىدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغان ساختا تەكلىپنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
بۇ ساختا تەكلىپنامە ئۇلارغا "ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى " نىڭ نامىدا ئەۋەتىلگەن. تېخىمۇ يامان بولغىنى شۇكى، بۇ ساختا ھۆججەتنى ئۇقماي ئېچىپ سالغانلارنىڭ كومپيۇتېرىغا ئەخپلوئىت دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك پروگرامما ئۆزلىكىدىن قاچىلىنىۋېلىپ كومپيۇتېرنى كونترول قىلىۋالغان.
خاككېر ھۇجۇمى ئەمدى نوبېل ئىنستىتۇت باشلىقىغا قارىتىلغان
مۇشۇ ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۇنى نورۋېگىيە ۋاقتى سائەت 11دىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە، نوبېل ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى گەئىر لۇندەستاد بىر پارچە ئېلېكترونلۇق خەت تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇ خەت ئۇنىڭغا نوبېل ئىنستىتۇتىنىڭ سىستېما مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەلۇم كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ مەسئۇل خادىمىنىڭ ئېنىق ئادرىسى بىلەن كەلگەن. مەزكۇر خەتتە تور بەت ئۇلىنىشىنىڭ ئادرىسى بار بولۇپ، ئەگەر لۇندەستاد بۇ ئۇلىنىشنى چەكسە كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشىدىغانلىقى ئېيتىلغان. بۇ خەتتىن گۇمانلانغان گەئىر لۇندەستاد بۇ ئەھۋالنى دەرھال دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىگە ئىنكاس قىلغان، نەتىجىدە نوبېل ئىنىستىتۇتى خاككېرنىڭ يەنە بىر قېتىملىق مەقسەتلىك ھۇجۇمىدىن ساقلىنىپ قالغان.
خىتاينىڭ خاككېر ھۇجۇمىدا بىۋاستە قولى بار - يوقلۇقى ھەققىدە مۇخبىرلار تەرىپىدىن سورالغان سوئالغا لۇندەستاد ھازىرچە ئېنىق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى تارتقان.
بۇ خىتاينىڭ ھۇجۇمى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
نۆۋەتتە، خاككېر ھۇجۇمىنىڭ ئوخشاش بىر جاي ۋە ئوخشاش بىر مۇلازىمەت قىلغۇچىدىن كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق بولماقتا. گەرچە ھېچكىم تېخى خاككېر ھۇجۇمىنىڭ كىم تەرەپتىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۇرمىسىمۇ، لېكىن گۇمان خىتايدىكى ئىنتېرنېت جىنايەتچىلىكى مۇھىتىغا مەركەزلەشمەكتە ياكى بۇ خىتايغا باغلاپ چۈشەندۈرۈلمەكتە. سەۋەبى بىرىنچى قېتىم نوبېل ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىدە يۈز بەرگەن خاككېر ھۇجۇمى تەيۋەندىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان.
نورۋېگىيە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر
بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا نورۋېگىيىدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىسى ليۇ شاۋبو بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نورۋېگىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە بىر قاتار كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەردى. دەسلەپتە بېلىقچىلىق مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا، سەنئەت ۋە باشقا دىپلوماتىك ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان زىيارەتلەر خىتاي تەرىپىدىن بىكار قىلىندى.
ئاۋغۇست ئېيىدا بوداپىشتتا ئوقۇۋاتقان نورۋېگىيىلىك قىز، 21 ياشلىق پەرنىللە مارىئە تھرونسەن بۇرۇنقى يۈرگەن يىگىتى، خىتاي مىللىتىدىن بولغان خىتاي پۇقراسىى 26 ياشلىق جاۋ فىي تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئۇ خىتايغا قېچىپ كەتكەندە تۇتۇلغان ئىدى. لېكىن خىتاي، بۇداپېشت ۋە نورۋېگىيە ئۇچ دۆلەت ھەمكارلىقىدا تۇتۇلغان ئادەم ئۆلتۈرگەن بۇ قاتىل ، نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنىشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى گۇناھسىز دەپ قارىلىپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسىمۇ بىر نەچچە قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نورۋېگىيىنى جىنايەتچىلىككە ئىلھام بەردى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
خىتاي ئاخىرقى كوزۇرىنى ئىشقا سالماقتا
بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي تەشۋىقات ئارقىلىق نوبېل كومىتېتى ۋە نوبېل كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاگلاندغا ئىزچىل ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. گەرچە، نوبېل كومىتېتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ياردەمگە چاقىرىپ، بۇ قېتىمقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ليۇ شاۋبونىڭ ئۆزىنىڭ كېلىپ تاپشۇرۇپ ئېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ بارلىق دىپلوماتىك قاناللىرىنى ئىشقا سېلىشى بىلەن بۇ تىرىشچانلىقنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرماقتا. گەرچە ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شانىڭ بۇ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىشقا كېلىش ئارزۇسى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئائىلىدە نەزەربەند قىلىپ قويۇلغاچقا، ئۇنىڭ كېلىشىمۇ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرچە پەقەت ليۇ شاۋبونىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 10 - دېكابىر كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنى بۇزۇش مەقسىتىدە ،ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىشنى باشلىغان. ھازىرغىچە جەمى مىڭ پارچە تەكلىپ باغاقچىسى تارقىتىلغان بولۇپ، تەكلىپ قىلىنغانلار ئىچىدە خىتاي ئەلچىسىمۇ بار.
مەلۇم بولۇشىچە، نوبېل كومىتېتى مۇراسىمغا تەكلىپ قىلغان خىتايلار تەرىپىدىن ئاغزىنى ئاچماي قايتۇرۇۋېتىلگەن خەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
نۆۋەتتە فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە، شىۋىتسىيە، دانىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نورۋېگىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىق ھەققىدە خىتاينىڭ ئەۋەتكەن خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا مۇراسىمغا قاتنىشىۋېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.