بۇ قېتىمقى يىغىنغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبلىرىدىن 1993 - يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى فرېدرىك ۋىليام ئەپەندى، 1976 - يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىرلاندىيىلىك مائىرەئاد كوررىگان خانىم، 1997 - يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق جودي ۋىللىئامس خانىم، 1989 - يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تىبەتنىڭ روھانىي داھىسى دالاي لاما، 2003 - يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىرانلىق ئادۋوكات شىرىن ئەبادى خانىم، 2005 - يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مىسىرلىق موھامەد ئەلبارادەيى ئەپەندى، 2010 - يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي لىيۇ شاۋبوغا ۋاكالىتەن ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان ۋە ئايرىم - ئايرىم نۇتۇق سۆزلىگەن.
بۇ قېتىمقى يېپىلىش مۇراسىمىدا تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالايلامانىڭ نۇتقى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، دالاي لاما سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: "21 - ئەسىر كىشىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كەلگۈسىگە قارىشىمىز، ئەپۇچان ۋە سەمىمىي بولۇشىمىز بىلەن بىرگە مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تارىخىي زىددىيەتلەرنى ھەربىي كۈچ بىلەن ئەمەس بەلكى سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەل قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا دائىم ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان تىنچلىق ھەققىدىكى سۆزلەر پەقەتلا مەتبۇئات ۋە يىغىن سەھنىلىرىدىلا دېيىلىپ ئۇندىن كېيىن ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى ئەمىلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىش قىلىشىمىز شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش، زىددىيەتلەرنى پەقەتلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۈستىگىلا ئارتىپ قويماي، ھەممىمىز بىرلىكتە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. دۇنيا ئىنسانىيەتكە مەنسۇپ، ھەرگىزمۇ بىر ھاكىمىيەت ياكى بىر دۆلەتنىڭ ئەمەس. مېنىڭ 21 - ئەسىردە دىئالوگ ئارقىلىق دۆلەتلەر، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دېگىنىم ھەرگىزمۇ چۈش ئەمەس بىر رېئاللىق."
يىغىن ئاخىرىدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئالاھىدە تىنچلىق مۇكاپاتى، ئىتالىيىلىك پۇتبول چولپىنى روبېرتو باگگىئوغا بېرىلگەن.
بۇ يىغىنغا ياپونىيە خەلقئارا كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى باشچىلىقىدىكى 5 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى گۇرۇپپىسىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىنى يىغىنغا قاتناشقان نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىغا تارقىتىپ بەرگەن.
بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.