يېزا كادىرلىرى ھەم زىيالىيلارنىڭ نوغايتۇ دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ سېتىلىش مەسىلىسىگە بولغان قارىشى

نوغايتۇ يېزىسىدا يەرلىرى مەجبۇرىي سېتىلغان دېھقانلار ئۆزى ساتقان يەرگە بېرىلگەن تۆلەم پۇلىنىڭ ئاران 50% ئىگە ئېرىشەلىگەن.

0:00 / 0:00

بىز نوغايتۇ دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە مەجبۇرىي سېتىلىپ بېرىش ۋەقەسىگە، شۇ يېزىدىكى يېزا كادىرلىرىنىڭ قانداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، دېھقانلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، نوغايتۇدا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىگەن يارى قاسىم ئىسىملىك يېزا كادىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

يارى قاسىم مۇخبىرنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ پېنسىيىگە چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئاندىن ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ سېتىلىش مەسىلىسىدە يېزىلىق ھۆكۈمەت دېھقانلارغا تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلارنىڭ يېرىنى سېتىۋېلىشتا دېھقانلارغا بېسىم قىلىشتەك زورلاش ۋاسىتىسى قوللىنىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشتى.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ، سۆھبەت جەريانىدا، ئۇيغۇر رايونىدا دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى ھەم خەلقنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ «ھالقىما تەرەققىيات رايونى ئېچىش» باھانىسىدە خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تەنقىدى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن خەلق گېزىتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھالقىما تەرەققىيات قۇرۇلۇشىدا دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋالماسلىق ھەققىدە چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئارقىدىنلا 16-ماي كۈنى خەلق گېزىتىدە يەنە دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى تارقاتقان «يەر ئېلىش بىلەن ئۆي چېقىش، كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش خىزمىتى ھەققىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يېرىنى مەجبۇرىي ئېلىش، ئۆينى مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلەندى.

يارى قاسىم مۇخبىرنىڭ خىتاي قانۇنىدىكى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يېرىنى ئىگىلىمەسلىك بەلگىلىمىسىنىڭ نوغايتۇ يېزىسىدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتى باشلىقى جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھالقىما تەرەققىيات قۇرۇلۇشىدا دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋالماسلىق ھەققىدىكى چاقىرىقىغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، مۇخبىرنىڭ نوغايتۇ يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ سېتىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى كونكرېت مەسىلىلەرنى ھازىر بۇ يەردە پارتكوم سېكرېتارى ھەم يېزا باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلاردىن ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى ياخشى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

غۇلجىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى، نوغايتۇ يېزىسىغا ئوخشاش يېزىلاردىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىلىش ۋەقەسى، خەلق گېزىتىدە بېسىلغان جۇ يۇڭكاڭنىڭ دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىمەسلىك ھەققىدىكى چاقىرىقى ھەم بىر قاتار قارارلارنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئىلگىرىلا خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنى بەلگىلىمىلەر بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق قارارلارنى ئىجرا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى دېھقانلارنىڭ يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىش مەسىلىسى خەلقئارادىمۇ جىددىي قارىلىۋاتقان مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىل ئەتىيازدا ئېلان قىلغان دۇنيا ئاشلىق قەھەتچىلىكى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، خىتايدا دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىش مەسىلىسىنىڭ بارغانچە ئېغىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل 5- ئاينىڭ 3-كۈنى خىتايدىكى 17 ئۆلكىدىكى يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان 1564 دېھقان ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتايدا تەخمىنەن 37% دېھقاننىڭ يەرلىرى بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئىگىلىۋېلىنغان. دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، يېرى ئىگىلىۋېلىنغان دېھقانلاردىن 29% دېھقاننىڭ يېرى ئالدىن ئالا ئۇقتۇرۇش قىلىنماستىن تۇيۇقسىز ئىگىلىۋېلىنغان. يېرى ئىگىلىۋالغان 58% دېھقاننىڭ بېرىلگەن تۆلەم پۇلغا قارىتا رازىلىقى ئېلىنمىغان. ئەڭ ئېغىر بولغىنى، يېرى ئىگىلىۋېلىنغان 60% دېھقان مۇۋاپىق تۆلەم پۇلغا ئېرىشەلمىگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى.

نوغايتۇ يېزىسىدىكى تېرىلغۇ يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلانغان دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نوغايتۇ دېھقانلىرى ھەم يېزا كادىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نوغايتۇ يېزىسىدا يەرلىرى مەجبۇرىي سېتىلغان دېھقانلار ئۆزى ساتقان يەرگە بېرىلگەن تۆلەم پۇلىنىڭ ئاران 50% ئىگە ئېرىشەلىگەن. دېھقانلارغا تۆلىنىشكە تېگىشلىك پۇلنىڭ قالغان يېرىمى كېيىن بېرىلىدۇ دېگەن باھانىدە تۇتۇپ قېلىنغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى «شىنجاڭغا ياردەم» يىغىنىدىن كېيىن، خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىدىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ «ھالقىما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش»، «كان ئېچىش» قاتارلىق باھانىلەردە يەر ئىگىلىۋېلىشى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا ئىكەن. رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئىنكاس قىلغان تۇرپانيۈزى دېھقانلىرى، نوغايتۇ دېھقانلىرى ۋە باشقا يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، بېيجىڭدا ئەرز قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئىكەن خالاس.