ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇسنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا باشلىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك نوپۇس ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.03.23
kashgar-yengi-bazar-305.png قەشقەر يېڭى بازاردا سودا قىلىۋاتقان كىشىلەر
Public Domain

ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتىنىڭ بىر ياندىن ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى نوپۇس ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئارقىلىق مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەللەرگە كۆچۈپ چىقىپ كەتكەنلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى تولۇقلاپ يىغىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى شەھەر - ئوبلاست، ناھىيە - بازارلىرىدا كەڭ كۆلەملىك نوپۇس ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىغان. ھەرىكەت بويىچە، ھەرقايسى مەھەللە، رايون ئىش باشقارمىلىرىنىڭ خادىملىرى ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى ئۆيلەرگە ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ، نوپۇس تىزىملاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىق بىر ئۆيدىكى ئائىلە ئەزالىرى، ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى، خىزمىتى، ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى تىزىملاشقا باشلىغان.

بۇ ھەقتە ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ نۆۋەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە ئاساسلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى كۆچمە نوپۇس ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ ھەقتە ئۈرۈمچىدىن تېلېفونىمىزغا چىققان بىر كىشى بىزگە يېقىندا قاغىلىق قاتارلىق جايلاردا خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ بىخەتەرلىكنى كۈزدە تۇتۇپ نوپۇس تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قېتملىق نوپۇس تەكشۈرۈشنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەقسىتى بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش بولۇپ، دائىرىلەر خەۋەردە، چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەنلەر ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1990 - يىللاردا ئارخىپلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئەمما كېيىنكى يىللاردا چەتئەللەرگە تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن چىقىپ كەتكەنلەر سانىدا زور ئارتىش بولغانلىقتىن، بۇ ئۇچۇر ئارخىپىنىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇھاجىرلارغا ئائىت مەلۇماتلارنى يېڭىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

12 - بەش يىللىق خىزمەت پىلانىدىكى مەخسۇس چوڭ پىلاننىڭ بىرى بولغان بۇ خىزمەت پىلانى ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭ بىرىنچىسى، نوپۇس سانىنى تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش ۋە تىزىملاش باسقۇچى بولۇپ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە بۇ باسقۇچ ئاياقلاشتۇرۇلغاندىن كېين، كېيىنكى 6 ئايدا ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارنى رەتلەپ، باھالاپ، ئىستاتېستىكا قىلىش باسقۇچىغا ئۆتىدىكەن. بۇ ھەقتە ئالاقىدار ئورۇنلارغا چۈشۈرۈلگەن ھۈججەتتە مۇنداق دېيىلگەن :

- ھەرقايسى جايلاردىكى ئالاقىدار ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مۇھاجىرلار ھەققىدىكى ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارنىڭ راست، توغرا ۋە تولۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خاتالىققا، چۈشۈپ قېلىشقا، ساختىلىققا يول قويماي، ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولۇپمۇ 2011 - يىلىدىن باشلاپ، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ياكى ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشكە باشلاپ، بۇ جەرياندا تۈركىيە، مسىر، سۈرىيە ۋە ھەتتا ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلغان ۋە ئارقا - ئارقىدىن بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ئۆمەك ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ نۆۋەت دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس قارار بەلگىلەپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇر ئارخىپى تۇرغۇزۇپ چىقىش دولقۇنى قوزغىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىگە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

دەرۋەقە، يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە - تاۋاباتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقان ئىدى. بۇنىڭدىن سرت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەردىمۇ بىئارام قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشلەشكە مەجبۇرلاش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدا يەر ئالغان تۆۋەندىكى بىر جۈملە سۆزمۇ يۇقىرىدىكىلەرنى ئىسپاتلايدىغان بولۇپ، مەسىلەن ئۇنىڭدا : «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2006 - يىلىدىن 2011 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتكە چىقىپ كەتكەنلەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايون ۋە دۆلەتلەرگە 30 قېتىم ۋە 500 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئۆمەك ئەۋەتىپ، بۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتى بىلەن بولغان بېغىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك پائاليەتلەرنى ئېلىپ باردى» دەپ كۆرسىتىلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا قاراتقان بۇ ھەرىكىتىگە ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ۋە باش سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن يېقىندا بېيجىڭدا ئاياقلاشقان ئىككى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ئارقا - ئارقىلاپ، مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇندىن كېيىن مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان ھەرقانداق بىر ئامىلنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى، دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى، ئاتالمىش تېررورچىلارغا تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلاشقان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇسنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش ھەرىكىتىنىڭ مانا بۇ خىل مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش چاقىرىقىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Mar 26, 2012 07:52 AM

بېز نېمانچە بېچچارە يېتېم مېللەت