خوتەن ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئارىدىن 10 كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە دۇنيانى قايىل قىلارلىق مەلۇماتلار بەرمىدى. جۈملىدىن ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە ئەسىر چۈشكەن ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھازىرغىچە ئۇچۇر بەرمەسلىكى، خىتاينىڭ ۋەقە ھەققدىكى بايانلىرىغا گۇمان پەيدا قىلدى.
خىتاي ھۇجۇمچىلارنى دەسلەپتە بىر گۇرۇپپا زوراۋانلار دەپ ئاتىغان؛ ئارقىدىن بىر گۇرۇپپا تەربىيىلەنگەن تېررورچىلار دەپ ئاتىغان. مۇتەخەسسىس نىكولاس باككولىن بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: بۇ مەسىلىدە شىنجاڭدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا، داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دۆلەتكە قارشى ھەرىكەتلەر، شىددەتلىك ھەرىكەتلەر تارىخىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.» باككولىن بۇ ئارقىلىق ۋەقەنىڭ ھۇجۇم خاراكتېرلىك ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارغا خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن سېلىنىۋاتقان زۇلۇمنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلاردا شەكىللەنگەن كەلگۈسى تەقدىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىش ئەھۋالىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ.
باككولىن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلىدۇر. ئۇ ھۇجۇمچىلارنىڭ تەشكىلىي مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلغاندا چېتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى ۋەقەدە، ھۇجۇمچىلارنىڭ قولىدىن 30 دانە قورالنى يىغىۋالغانلىقىنى، بۇ قوراللارنىڭ پالتا، پىچاق، خەنجەر ۋە بېنزىن بومبا قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى خوتەننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتىن پاكىستان ۋە ئافغانىستانغا يېقىنلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھۇجۇمچىلارنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەردىكى رادىكال تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
نىكولاس باككولىن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ «خىتاي ھەر قېتىم تېررورلۇق دەپ ئەيىبلەپ تۇتقۇن ئېلىپ بارغاندا، بىر تۈركۈم قوراللارنى قولغا چۈشۈرۈۋاتىدۇ. بۇ قوراللارنىڭ ھەممىسى يەرلىك ئىپتىدائىي قوراللار، بۇنىڭ ئىچىدە ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا كەڭرى تېپىلىدىغان قورال ۋە پارتلاتقۇچ ماددىلار يوق. دېمەك بۇ قوراللار چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان ياكى ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن ئەكىلىنگەن ئەمەس.
مانا بۇ ھۇجۇمچىلارنىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستان بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنىڭ ئىپادىسى.» باككۇلىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر مۇتەخەسسىستۇر. ئۇ 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىكى مەزگىلىدە كۇچادا زەنجىرسىمان پارتلاش يۈز بەرگەندە، ھۇجۇمچىلارنىڭ تەشكىللىنىش ئىقتىدارىغا ئاپىرىن ئوقۇغان ۋە شۇ چاغدىكى ھۇجۇم دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىدا تۈنۈگۈن پىكىر بايان قىلغان يەنە بىر مۇتەخەسسىىس جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارالىق ۋەزىيەت تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ يېتەكچىسى سىن روبەرتتۇر. سىن روبەرت ئالدى بىلەن، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۇزۇن بىر تارىخقا باغلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ بۇ رايوندا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ 200يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ ۋەقەنىڭ تارىخىي سەۋەبىدىن باشقا رېئال سەۋەبلىرى مەۋجۇتلۇقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلىنى ئاساسلىق سەۋەب دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىرى، خىتاينىڭ خەلقئارالىق تېررورغا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال سىياسىي پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇشى، يەنە بىرى بولسا، شىنجاڭنى ئېچىشنى خەتەرلىك قەدەمدە تېزلىتىشى. سىن روبەرتنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھالقىما تەرەققىيات نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلار، كۆچۈپ كېلىۋاتقان نوپۇسلار ۋە بۇ تەرەققىياتلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولالماسلىقى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي دۆلىتىگە قارىتا قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىش ۋە غەزەپ-نەپرەت پەيدا قىلغان. مانا بۇ غەزەپ ۋە نەپرەت ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
سىن روبەرتمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئۈستىدە مەسۇس ئىزدىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىندۇر. ئۇ بۇ يىل ئامېرىكىدا ئېچىلغان دۇنيا شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن.
رادىكاللىقنى تەتقىق قىلىش خەلقئارا مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى رافىلو پانتۇكى ناۋاغ ھۇجۇمىنىڭ تېخنىكىۋىي سەۋىيىسى ئۈستىدە توختالغان. ئۇ ۋەقەدە ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۆلتۈرگەن ۋە گۆرۈگە ئالغان ئادەم سانىنىڭ چەكلىكلىكىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ دۆلەت ئاپپاراتىغا سالغان زىيان-زەخمىتىنىڭ كۆلىمىنىڭمۇ چوڭ ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرغىچە كۆزىمىز كۆرگەن پاكىتلار، ھۇجۇمچىلارنىڭ چەتئەلدە تەربىيە كۆرگەنلىك ئېھتىماللىقىنى رەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار پاكىستاندا قورال ئېتىشنى ۋە بومبا ياساشنى ئۆگىنىپ ئاندىن يۇرتىغا قايتىپ ھۇجۇم ئېلىپ بارغان بولسا، نىشان باشقىچە بولاتتى، زىيانمۇ بۇنىڭدىن چوڭ بولغان بولاتتى.» پانتۇكى سۆزىدە خوتەن ۋەقەسىنى يەرلىك خەلقنىڭ غەزەپ-نەپرەتلىرىنى ئۆز ئىمكانلىرى دائىرىسىدە ئىپادىلىشى دەپ كۆرسەتكەن.