نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ماتەم كۈنىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

بۈگۈن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەم كۈنى ھېسابلىنىدىغان خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىدە خىتايغا قارشى نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

نامايىش ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى. نامايىش غەزەپلىك توۋلانغان شوئار ساداسى ئىچىدە باشلاندى.نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى باشلىنىش سۆزى سۆزلىدى.

جامائەت ۋەكىللىرىدىن ئۆمەر ھاجىم نامايىشچى ئاممىغا نۇتۇق سۆزلىدى.

بېرگېن شەھىرىدىن كەلگەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇكېرىم ئارىلىقنىڭ يىراق بولۇشىغا قارىماي نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

نورۋېگىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئوسلو.
نورۋېگىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئوسلو. (RFA/Aygul Yusup)

يىراق شەھەر شىئەندىن كەلگەن ئەركىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.تۇرغۇنجان موللاممۇ نامايىشچىلارغا نۇتۇق سۆزلىدى.

بۈگۈنكى نامايىشتا ئالاھىدە بولغىنى، نامايىشچى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇدى.

قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، لوزۇنكا ۋە پلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار قوشۇنى بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان نامايىش پائالىيىتى جەريانىدا خىتايغا قارشى ئۇيغۇرچە، نورۋېگچە ۋە ۋە خىتايچە تۈرلۈك شوئارلارنى غەزەپ بىلەن توۋلاپ نامايىشنى ئاخىرلاشتۇردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.