نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يىللىق خىزمەت يىغىنى چاقىردى
2010.12.20
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى 2003-يىلى 8-ئايدا قۇرۇلغان. كومىتېت قۇرۇلغاندىن كېيىن كومىتېت رەھبەرلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىش ۋە ھەر قايسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىلەن ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ ھەر قايسى شەھەرلەردە تارقاق ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇشى، قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.
بولۇپمۇ نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتى رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى داڭلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمغا بېرىشنى قارار قىلغان 2004-يىلى 7-نويابىرنىڭ ئالدى-كەينىدە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن ئىنتايىن يېقىن خىزمەت ئالاقىسىدە بولغان. بۇ مۇكاپات تارقىتىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نورۋېگىيىدە تونۇلۇشى بىردىنلا تېزلەشكەن.
كېيىنكى يىللاردا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى نورۋېگىيىدىكى بىر قىسىم مۇھىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پارلامېنتتا خىزمەت قىلغان بەزى مۇھىم ئەربابلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىمكان قەدەر ئۇلار ئارقىلىق نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە تىز ئاڭلىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەرگە تىزدىن يەرلىشىشى ۋە ئۇلارغا ئولتۇرۇمنىڭ تىز چىقىشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
ئۆتكەن يىلى 5-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن نورۋېگىيىدىكى چوڭ-كىچىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇمكىن قەدەر ئۇيغۇر ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن بولغان سىياسىي ئەھۋالىنى نورۋېگ خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇدا بەش قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى ۋە بىر قانچە يىلدىن بۇيان نورۋېگىيىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى جەريانىدا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە باش مىنىستىر بىلەن كۆرۈشۈشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر دەۋاسى ھۆكۈمەتكە تېخىمۇ كۆپ ئاڭلىتىلغان ۋە ئۇلارنىڭ نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يەنە تەشكىلات ئىچىدە دېموكراتىيىنى يۈكسەك دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ دىنىي زاتلار، ياشلار ۋە ئاياللار خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. خانىم-قىزلارنى مۇمكىن قەدەر ۋەزىپىلەندۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قىز-ئاياللارنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى سېپىگە قوشۇلۇشىغا كەڭ ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بەرگەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.
يەكشەنبە كۈنىدىكى يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا تەشكىلاتنىڭ بىر يىلدىن بېرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى يەكۈنلەندى ۋە كۆرۈلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەر بىر تەرەپ قىلىندى.