خىتاي باش ئەلچىسى: نورۋېگىيە بىرىنچى قەدەمنى ئېلىشى كېرەك

خىتاينىڭ نورۋېگىيىگە تەيىنلەنگەن يېڭى ئەلچىسى جاۋ جۈن نورۋېگىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇزۇلغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

0:00 / 0:00

يېقىندا نورۋېگىيىدە چىقىدىغان كەچلىك پوچتا گېزىتى قاتارلىق بىر قاتار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، خىتاينىڭ نورۋېگىيىگە تەيىنلەنگەن يېڭى ئەلچىسى جاۋ جۈن،2010-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇ شياۋبوغا تارقىتىلغاندىن كېيىنكى نورۋېگىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇزۇلغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە بۇ يولدا قىزغىنلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پاي چېكى نەزەرىيىسى ژۇرنىلى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جاۋ مۇنداق دېگەن «مەن نورۋېگىيىگە تەيىنلەنگەن يېڭى ئەلچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالدىم. مەن نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئاستىدا ھەمكارلىشىشنى، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايمەن، مۇشۇنداق بولغاندا بىز ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز.» ئۇ يەنە، بىز جۇڭگولۇقلاردا «كىم جېدەلنى تېرىغان بولسا، چوقۇم ئۆزى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك» دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار، دەپ قوشۇپ قويغان.

2010-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدىكى جىنايەتچى ليۇ شياۋبوغا بېرىلگەندىن كېيىن، نورۋېگىيىنىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىقلىرىنىڭ مىنىستىرلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ خىتايغا قارىتا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

زىيارەت جەريانىدا خىتاي باش ئەلچىسى جاۋ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن «مەن نورۋېگىيە ئاخباراتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھازىرقى مۇناسىۋەتنى قاتتىق سوغۇقلىشىپ كەتتى دەپ تەسۋىرلىگەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ بىر جىنايەتچىگە تارقىتىلىشى ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشنى ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە قوللىغانلىقى، ئەمەلىيەتتە خىتاي، نورۋېگىيە ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قاتتىق يىرىكلىشىپ كېتىشىنىڭ ھەم بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى.»

ئۇ نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن يەنە مۇنداق دېگەن «نورۋېگىيىنىڭ سودا-تىجارەت جەھەتتىكى پايدا-زىيىنىنى چۈشەنمەك قىيىن ئەمەس. نورۋېگىيىلىك سودا-سانائەتچىلەرنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى كەلگۈسى تەرەققىياتى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. چۈنكى نورۋېگىيە تەرەپتىن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ۋە 1 مىليارد 3 يۈز مىليون خەلقنىڭ قەلبىنى قاتتىق ئازابلىدى.

سابىق پارلامېنت ئەزاسى جان سىمۇنسەن ئەپەندىدىن، نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى نوبېل كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەتتىن بىتەرەپ تۇرىدىغان مۇستەقىل ئورگان ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ليۇ شياۋبوغا بېرىلىشىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىدىن كۆرىدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
‏«خىتاي بىر كوممۇنىست دىكتاتور دۆلەت، ئۇ 1949-يىلدىن باشلاپ دىكتاتور تۈزۈمى ئاستىدا ياشاپ كەلگەن بولغاچقا، دېموكراتىيىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، مۇشۇ تۈپەيلىدىن ئۇلار نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىل بىر ئورگان بولغان نوبېل كومىتېتىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى ئەسلا چۈشەنمەيدۇ ۋە قوبۇل قىلالمايدۇ.»

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇ شياۋبوغا بېرىلگەندىن كېيىن، مەيلى سىياسەتچىلەر بولسۇن، مەيلى پۇقرالار ۋە تىجارەتچىلەر بولسۇن، بۇ مۇكاپاتنىڭ خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇغا بېرىلگەنلىكىنى توغرا ۋە ھەقلىق دەپ قارىدى. گەرچە، نورۋېگىيىلىك سودا-سانائەتچىلەر خىتاي بازىرىدىكى پايدىسىدىن قۇرۇق قالغان، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ھېلىغىچە داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئىقتىسادى مەنپەئەت تۈپەيلىدىن نوبېل كومىتېتىغا ياكى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتا ھېچقانداق قارشىلىق بولۇنمىدى. خىتاي ئۆزى ئاچچىق يىتىپ نورۋېگىيە بىلەن بولغان سودا توختاملىرىنى بىكار قىلىۋەتكەن بىلەن، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى دۇنيادىكى ئەڭ باي سانىلىدىغان نورۋېگىيىدەك دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نورۋېگىيە پادىشاھى ھارالد ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوناس گاھر ستەمۇ خىتاينىڭ نورۋېگىيىگە تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆرۈشكەن.