نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى پائالىيەتلەر

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نورۋېگىيىگە قىلغان بارلىق بېسىملىرى مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەنگەن بولۇپ، 10 - دېكابىردىكى مۇكاپات مۇراسىمى ئىلگىرىكى ھەرقانداق يىلغا قارىغاندا كۆپ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

0:00 / 0:00

10 - دېكابىر كۈنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ شاۋبوغا تارقىتىلماقچى بولغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن، 7 - دېكابىردىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە بىر قىسىم سىياسىيونلار نورۋېگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىگە جەم بولۇشقا باشلىغان.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 12 - ئاينىڭ 7 - 8 - 9 - كۈنلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا ياڭ جيەنلى باشچىلىقىدىكى چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتى ۋەكىللىرىدىن 20 كىشى، خوڭكوڭدىن 6 كىشى قاتناشقاندىن سىرت، " 4 - ئىيۇن ۋەقەسى" ۋەكىللىرىدىن ئۆركەش دۆلەت قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەرمۇ قاتنىشىدىكەن.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ياڭ جيەنلىنىڭ گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىغا 9 - دېكابىر بەرگەن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا ياۋروپا، ئامېرىكا سىياسىيونلىرىدىن 13 كىشى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي خانىم ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھەيئىتى ھائۇتالانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 65 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، تىبەتلىكلەرگە ۋاكالىتەن دالاي لامانىڭ مەخسۇس ۋەكىلى قاتارلىقلارمۇ قىممەتلىك مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىدىكەن. تەكلىپ قىلىنغان 600 ئەتراپىدىكى كىشىدىن باشقا، يەنە قانچە يۈزلىگەن مېھمانلار ۋە مۇخبىرلارمۇ بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نورۋېگىيىگە قىلغان بارلىق بېسىملىرى مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەنگەن بولۇپ، 10 - دېكابىردىكى مۇكاپات مۇراسىمى ئىلگىرىكى ھەرقانداق يىلغا قارىغاندا كۆپ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىكەن. خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا قاتناشمايدىغان 18 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى خەلقئارا سوتنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۇچرايدىكەن.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قارىغاندا، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 بىلەن ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىرلىكتە خىتاينىڭ ئوسلودىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ شوئارى "ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىش، ليۇ شاۋبوغا ئەركىنلىك بېرىش" تىن ئىبارەت بولىدىكەن.

12 -ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ مۇراسىمدا ئۆز ‏- ئارا تونۇشۇش، پىكىرلىشىش بولۇپ ئۆتكەندىن سىرت، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېمىسى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، ھەمكارلىقلار ئورنىتىلىدىكەن.

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى بولۇپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمىغا كەلگەن مېھمانلار بۇ كۈن چۈشتىن بۇرۇن " كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانلىرىغا نەزەر" تېمىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ بارغاندىن سىرت، خىتايدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرى مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بارىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 بىلەن باشلىنىدىكەن. بۇ مۇراسىم ئوسلو شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇراسىم زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۇكاپات تارقىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، مېھمانلار ليۇ شاۋبوغا ئائىت كۆرگەزمىلەرنى كۆرىدىكەن.

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 18:00 دىن باشلاپ مەشئەل كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن. بۇ پائالىيەت مۇراسىم زالىدا باشلىنىپ، نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى بىناسىغا قەدەر داۋاملىشىدىكەن. نامايىشنىڭ شوئارى " ليۇ شاۋبو قويۇپ بېرىلسۇن!" دېگەندىن ئىبارەت بولىدىكەن.

ياڭ جيەنلىنىڭ گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ ئاخبارات ساھەسى ئارىلاشمىغان ئىچكى يىغىنى بولۇپ ئۆتىدىكەن. يىغىندا ليۇ شاۋبونى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ چارە - تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 تىن 16: گىچە ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى زاتلارنىڭ مۇنازىرە، مۇھاكىمىسى بولۇپ ئۆتىدىكەن. سائەت 17.30 دىن باشلاپ، يەنە بىر قېتىم ليۇ شاۋبوغا مۇناسىۋەتلىك كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن. 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كەچتە، مېھمانلار شەرىپىگە زىياپەت بېرىلىپ، سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ليۇ شاۋبونىڭ ئايالىنى نەزەربەند قىلىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ بارلىق دوستلىرى ھەم قوللىغۇچىلىرىنى تۇتۇپ كەتكەن. يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان خىتايدىكى 143 نەپەر كىشىنىڭ بەرسىمۇ چېگرادىن چىقالمىغان. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ياڭ جيەنلى بۇنىڭغا قارىتا " خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچىدىكىلەر تېشىغا چىقالمايدىغان بېرلىن تېمى پەيدا قىلدى. بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۆز قارىشىنىڭ نەقەدەر ناچارلىقىنى پۈتۈن دۇنيا كۆردى" دېگەن.

گېرمانىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خىتاينىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارىدىكەن. د ئۇ ق ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىمۇ 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە نامايىش ئېلىپ بارىدىكەن.