نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۆلەتكە كېلىپ ئولتۇراقلاشقىنىغا ئون يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ،بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ھالدا پارلامېنت بىناسىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىقى ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى زىيارەتنى نورۋېگىيە پارلامېنتىدا 16 يىل خىزمەت قىلغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى جان سىمۇنسەن ئەپەندى ئورۇنلاشتۇرغان.

ئۇ نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئۇزۇندىن بېرى يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى غوللۇق پارتىيىلەرگە تونۇشتۇرۇش يولىدا كۆپ كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان شەخسنىڭ بىرىدۇر. ئۇ مەخسۇس تور بەتلەر ئارقىلىق ھەر دائىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە، خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى نورۋېگىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تونۇشتۇرۇش يولىدا كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەينى-كەينىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتلىرى قاتارىغا كىرىشىگىمۇ تۈرلۈك سىياسى قاناللىرى ئارقىلىق تۈرتكە بولغان . رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەر قېتىملىق نورۋېگىيە سەپىرىدە ئۇ نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يېقىندىن ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىپ ، رابىيە قادىر خانىمنى بىر قىسىم پارتىيە باشلىقلىرى ۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە شارائىت ھازىرلاپ بېرىپ ، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بىر قاتار ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
بۇ قېتىمقى پارلامېنت بىناسى زىيارىتىدە ئۇ زىيارەتكە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا پادىشاھ جەمەتىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى، نورۋېگىيىنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلاش جەريانى، ئاساسى قانۇنىنىڭ تۈزۈلۈش تارىخى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا نورۋېگىيە خەلقىنىڭ كۆرسەتكەن باتۇرلۇقلىرى ،پارلامېنت بىناسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ھەققىدە تەپسىلى تونۇشتۇرۇش بەردى.
ئۇ ،نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنداق بىر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشنى ئويلاپ قالدىڭىز ؟ دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ئۇيغۇرلارغا بۇنداق بىر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشنى مەن ئەھمىيەتلىك بىر ئىش دەپ قارايمەن، گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ نورۋېگىيىگە كېلىپ ياشاۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولۇپ قالغان بولسىمۇ لېكىن ئۇيغۇرلار نورۋېگىيە ئۈچۈن يەنىلا يېڭى خەلق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارغا نورۋېگىيىنىڭ تارىخى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى ۋە بۇ ھەشەمەتلىك پارلامېنت بىناسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى مۇھىم بىر ئىش دەپ قارايمەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى تۇرسۇن شەمشى ئەپەندى بۈگۈنكى زىيارەتنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.