نورۋېگىيىدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى،نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن،7 - ئىيۇل شەنبە كۈنى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار پايتەخت ئوسلودا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزدى. قاتتىق يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي نامايىش ئۈچۈن يىغىلغان ئۇيغۇرلارغا نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى باشلىنىش نۇتقى سۆزلىدى.


نامايىش ئىشتىراكچىلىرىدىن ئاسىيەم ھاجىم بىلەن خەلچەم خانىم بۈگۈنلكى نامايىش ھەققىدكى تەسىراتلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:

نىغمەت ھاجىم بىلەن تۇرغۇنجان ھاجىم نامايىشقا چىقىشنىڭ ئەھمىيىتى، بۈگۈنكىدەك مۇھىم مۇسىبەتلىك خاتىرە كۈندە ئۆز تىرىكچىلىكى ۋە شەخسىي مەنپەتى ئۈچۈن نامايسىھتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈشنىڭ ئىنتايىن نۇمۇس ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى مۇنداق ئىپادە قىلدى.

نامايىشنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىن بىرى بولغان نىجات ۋە مەخمۇتجان ئەپەندى مۇنداق دىدى.

قوللىرىغ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق،ھەر خىل لوزۇنكا،رەسىملەرنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار يول بويى جاراڭلىق شۇئارلارنى توۋلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قاتتىق نارازىلىقغىنى بىلدۈرۈشتى. بۈگۈنكى نامايىشقا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى كىچىك قىزلاردىن مۇنىرە بىلەن پەزىلەت قاتتىق يامغۇرغا قارىماستىن يول بويى نەچچە يۈز پارچە تەشۋىق ۋەرەقىسىنى تارقىتىپ،بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مەقسىدى ھەققىدە نامايىشنى قىزىقىپ كۆرۈۋاتقان يەرلىك نورۋېگلەرنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا چۈچۈك تىللىرى بىلەن جاۋاب بېرىپ ماڭدى. تۆت سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۈگۈنكى نارازىلىق نامايىشى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشلەردە بىخەتەر ھالدا ئاخىرلاشتى.