نورۋېگىيىدە بارىن ئىنقىلابىنىڭ 18 يىللىقى خاتىرىلەندى

2008 - يىلى 5 - ئاپرېل كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بارىن ئىنقىلابىنىڭ 18 يىللىقى خاتىرىلەندى. خاتىرىلەش يىغىنى ئىنسان ھەقلىرى بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ يىغىنغا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەيئەت ئەزالىرى قاتناشتى.

0:00 / 0:00

1990 - يىلى 5 - ئاپرېل كۈنى بارىن يېزىسىدا مەرھۇم مۇجاھىت، قەھرىمان زەيدىن يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى دىنى،ۋەتىنى ،مىللىتى ئۈچۈن ئۆزىدىن مىليون ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى چىقىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ،ۋەتىنىنى دۈشمەنلەرنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدىن قۇتقۇزۇش يولىدا شېھىت بولۇشنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىپ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر كۈرەش تارىخىدا دەۋىر بۆلگۈچ تارىخ ياراتقان ئىدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا نامايىش قىلىش ، تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش ۋە خاتىرىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

بۈگۈنكى خاتىرىلەش يىغىندا ئالدى بىلەن قەھرىمان زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى بارىن ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ،ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قايسى ئۇسۇل بىلەن قانلىق باستۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلار سۆزلەندى ،بارىن ئىنقىلابىغا ئاتاپ يېزىلغان تارىخىي ئەسلىمە ئوقۇپ ئۆتۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بارىن ئىنقىلابى ،مەرھۇم زەيدۇن يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى ھەققىدە كۆرگەن ‏ - ئاڭلىغانلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يىغىن جەريانىدا يەنە شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلىندى.