نورۋېگىيىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرىكى دەل مۇشۇ كۈندە ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ تىنچ نامايىشقا چىققان ئۇيغۇرلار قانلىق قىرغىن قىلىشقا ئۇچرىغان، مىڭلاپ بىگۇناھ كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغان، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئىدى. مۇشۇ قانلىق تارىخنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىق،،ئۆلۈپ كەتكەن، يوقاپ كەتكەن قېرىنداشلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش، ئۇلارغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ھۆرمىتىنى ئىزھار قىلىش ۋە بۇ قانلىق پاجىئەنىڭ تۈپ سەۋەبچىسى بولغان مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان قەھرى-غەزىپىنى بىلدۈرۈش شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانخور سىياسىي چۈمپەردىسىنى يىرتىپ تاشلاپ ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى خەلقئارادا ئاشكارىلاشنى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى ھېسابلىغان نورۋېگىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئىش كۈنى بولۇشىغا قارىماي نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

norwigiye-namayish-5-iyul2-385.jpg
نورۋېگىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشى. 2011-يىلى 5-ئىيۇل. (RFA/Aygul)

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە توختالدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى تۇرسۇن شەمشى ئەپەندى بۈگۈنكى نامايىشنىڭ كۈن تەرتىپلىرىنىڭ ئىنتايىن ياخشى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بۈگۈنكى نامايىشقا ياش-ئۆسمۈرلەرمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە نامايىش ۋەرەقىلىرىنى تارقىتىپ كېتىۋاتقان كىچىك قىز ئوز تەسىراتىنى بىلدۈردى.

ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، ئەمما نامايىش جەريانىدا ئەڭ جەڭگىۋار شوئارلارنى توختىماي توۋلاپ ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىدى.

بۈگۈنكى نامايىش شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى جاراڭلىق توۋلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە خىتاينىڭ مۇستەبىت سىياسىتىنى شوئارلىرى، سۈرەتلىك تەشۋىقات پلاكاتلىرى ۋە تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقان نامايىشچىلارنىڭ تەرتىپلىك پائالىيەتلىرى ئارقىسىدا چۈش سائەت ئىككىدىن بەشكىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشتى.