بۇ قېتىمقى نامايىشقا 100 گە يېقىن ئۇيغۇرلار ھەم نورۋېگىيە ئىنسان ھەقلىرى ئورگىنىنىڭ خادىملىرى،نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى ۋە باشقا نورۋېگلارمۇ تەكلىپكە بىنائەن ئىشتىراك قىلدى.
ئەر - ئايال ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان داغدۇغىلىق نامايىشچىلار قوشۇنى قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ۋە خىتايلار دىكتاتور، ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلايلى، ئۇيغۇرلارغا دېموكراتىيە، سىياسىي مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلسۇن دېگەندەك تۈرلۈك شۇئارلار يېزىلغان لوزۇنكا - پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ جاراڭلىق شۇئار توۋلاپ پايتەخت ئوسلونىڭ ئادەم ئەڭ كۆپ يىغىلىدىغان داڭلىق كوچىسى بولغان كارل جوھان كوچىسىدىن ئۆتكەندە، نورۋېگلار ۋە باشقا چەتئەللىك زىيارەتچىلەر ئالاھىدە دىققەت بىلەن نامايىشنى كۆردى. ئۇيغۇرچە ئەنئەنىۋىي كىيىم - كېچەكلەرنى كىيگەن كىچىك دوستلار بىر قولىدا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ يەنە بىر قولىدا نامايىش ۋەرەقىلىرىنى ئەتراپتىكى ھەر مىللەت كىشىلىرىگە تارقاتتى.
نامايىشچىلار قوشۇنى شەھەر مەركىزىدىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىغاندا تەشكىلات رەھبەرلىرى،ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسى، ئىقتىسادى ۋە دىنىي بېسىملار، قىزلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىشى، ئانا تىل مەسىلىسى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ يۈزلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقىنى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۈچ،ئىناقلىق ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كەلمەي، ئەكسىچە ۋەيرانچىلىق ۋە بالايى - ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ نۇتۇق سۆزلىدى.
نۇتۇق ئاخىرلاشقاندا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ نۇسخىسى ۋە ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى رەسىم چۇشۇرۇلگەن شارلار نامايىشچىلارنىڭ ئەركىنلىك - ئەركىنلىك دەپ توۋلىغان ساداسى ئىچىدە ئاسمانغا قويۇپ بېرىلىپ نامايىشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئەۋجىگە كۆتەردى.
پارلامېنت بىناسى ئالدىدىكى پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا، بارلىق نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توپلىنىپ شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن يوقالسۇن، ۋەتەن بىزنىڭ دېگەندەك تۈرلۈك شۇئارلارنى توۋلاپ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان كۈچلۈك غەزەپ - نەپرىتىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
ئىشىكلىرى تاقالغان، دەرىزە قاپقاقلىرى ھىم ئېتىلگەن، ھەتتا بايراقلىرى ئېلىۋىتىلگەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەيۋەتلىك نامايىشى ساقچى ئاپتوموبىللىرى ۋە ساقچىلارنىڭ ھىمايىسىدە ئىنتايىن تەرتىپلىك ئۆتتى، نامايىشچىلار يەنە بىر قېتىم ئەركىنلىك، ئەركىنلىك دەپ شۇئار توۋلاپ ھۆرلۈككە سىمۋول قىلىنغان شارلارنى ئاسمانغا قۇيۇۋېتىپ سائەت 6 دىن ئۆتكەندە نامايىشنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى. بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقان بىر نەچچەيلەن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.