نورۋىگىيىدە 8 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرىنى ۋەھشىلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە يەنە شۇ كۈنى قەشقەردە 20 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىپ 5 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت جىنايى قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا نامايىش ئۇقتۇرۇشى قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىمۇ بىگۇناھ كەتكەن شېھىتلارغا بولغان قايغۇسىنى بىلدۈرۈش،ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ گۇناھسىز ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن توختىماي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي رەزىل قىياپىتىنى خەلقئاراغا كۆرسىتىپ قويۇش مەقسىتىدە، تۈنۈگۈن يەنى 13 - چېسلا يەكشەنبە كۈنى نورۋىگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە يەنە بىر قېتىم چوڭ تىپتىكى نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

پايتەخت ئوسلو ۋە نورۋىگىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار شۇنداقلا يازلىق ئارام ئۇچۇن نورۋېگىيىگە كەلگەن بىر قىسىم گوللاندىيىلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلدى.

مەركىزى پويىز بېكىتى ئالدىدىن يۈرۈش قىلغان نامايىشچىلار قوشۇنى تۈرلۈك پلاكات ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتىرىپ خىتاي ھۆكۈمىتى فاشىست،خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچى، ئۆلۈم جازاسىنى توختات، جىنايەتچىلەرنى قىيناشنى توختات، شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق،ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك دېگەندەك شۇئارلارنى توختىماي توۋلاپ كوچا ئايلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ساياھەت مەركىزى ھېسابلىنىدىغان دېڭىز بويىغا جايلاشقان ئەركىنلىك بىناسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ مەيداندا توختىدى. كىچىك دوستلار 8 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى بايان قىلىنغان تەشۋىقات ۋەرەقىسىنى تارقىتىپ نامايىش كۆرگۈچىلەر سورىغان سوئالغا ئىنتايىن راۋان نورۋېگچە بىلەن جاۋاب بېرىپ ماڭدى.

نامايىشچىلار ئەركىنلىك بىناسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ مەيداندا يەنە داۋاملىق شۇئار توۋلاپ،تەشۋىقات ۋەرەقىسىنى تارقاتتى. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ئەتراپتا نامايىش كۆرۈپ تۇرغانلارغا بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىدى ۋە 8 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە نوتۇق سۆزلىدى.

بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقا كىچىك دوستلار ۋە قىزلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ غەزەپ ‏ - نەپرىتىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى. چۈش سائەت 2 دە باشلانغان نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.