نورۋىگىيە ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى 2008 - يىلى 8 - ئايدا نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىزغىن تەلىپى ۋە ئارزۇسىغا بىنائەن ئۇلارنى بىر ئارىغا جەم قىلىش، ئىناق ۋە دوستانە بولغان ياشلار توپىنى شەكىللەندۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن زور دەرىجىدە ياردىمىگە ئېرىشتى.
كوماندا قۇرۇلغان بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە پۇتبول كوماندا ئەزالىرى يېتەكچى تېرىنىرلاردىن مۇتەللىپ ئەپەندى ۋە ھەبىبۇل ئەپەندىلەرنىڭ تىرىشىپ تەشكىللىشى بىلەن كوپ قېتىم ئۆز - ئارا مۇسابىقە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە يەنە، نورۋېگىيىدىكى بىر قىسىم يەرلىك كوماندىلار بىلەن توپ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى نورۋېگىيىدىكى ھەر قايسى مىللەت خەلقلىرىگە تونۇشتۇرۇش رولىنى ئويناپ كەلدى.
يېقىندا نورۋېگىيە ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى بىلەن شىۋىتسىيە ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى نورۋېگىيىدە بىرلەشمە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، مۇسابىقە 2 - ماي كۇنى سائەت ئۇچتە دوستانە كەيپىيات ئىچىدە باشلىنىپ 90 مىنۇت ناھايىتى جىددىي ھالدا ئېلىپ بېرىلدى.
شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى پۇتبول كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى مۇسا ئاكا، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باش تەپتىشى نىغمەت ئەپەندى، ئۆمەرجان ئاكا قاتارلىقلار مۇسابىقە توغرىسىدا ھاياجانلىرىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.
شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات ئەپەندى، ياشلار بولۇمىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇرشىت ئەپەندىلەرمۇ كومىتېتقا ۋاكالىتە مۇسابىقىغە قاتنىشىپ ئۆز يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.
مۇسابىقە قىزغىن ۋە دوستانە كەيپىيات ئىچىدە شۇ كۈنى سائەت 5 لەرگە يېقىن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پۇتبولچىلىرى ناھايىتى خۇشال - خورام ھالدا ئۇلار ئۇچۇن تەييارلانغان مول نازۇ - نىمەتلەرگە ئېغىز تەككەچ، ئىككى دۆلەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ۋە پۇتبولچىلارنىڭ ئالاقىسىنى قانداق قىلغاندا ياخشى كۈچەيتكىلى بولىدىغانلىغىنى ۋە پۇتبول ئارقىلىقمۇ ۋەتەن دەۋاسى ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىغى ھەققىدە كەڭ - كۇشادە پىكىر قىلىشىپ ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى. كەچ سائەت 8 گە يېقىن شىۋىتسىيىدىن كەلگەن مېھمانلار قىزغىن دوستلۇق رىشتىسى ئىچىدە ئۇزۇتۇپ قۇيۇلدى.