نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يىللىق خىزمەت يىغىنى چاقىرىلدى

17 - دېكابىر نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا تەشكىلات رەھبەرلىرى،ھەيئەت ئەزالىرى ۋە ئاكتىپلار قاتناشتى.

0:00 / 0:00

تەشكىلات رەئىسى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى يىغىندا باشلىنىش سۆزى سۆزلىدى.

باش كاتىپ تۇرسۇن شەمشى ئەپەندى بىر يىللىق خىزمەتلەردىن ئومۇمى يۈزلۈك دوكلات بېرىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى خۇلاسىلەش يىغىنىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تەشكىلات خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن سىرت يەنە ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ ئايرىم توختالدى. ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش،ياشلارنى تەشكىللەشنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارغا ئانا تىل ۋە دىنىي - تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى قاتارلىق تەرەپلەردە تەكلىپ - پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا جىددى ھالدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرسى نورۋېگىيىگە كېلىپ ئولتۇرۇم ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆز رازىلىقى بىلەن قايتىپ كەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى بولدى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسمى بىر - بىرلەپ تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلدى. ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمى ئالتە نەپەر ئۇيغۇر نورۋېگىيىگە كېلىپ سىياسى پاناھلىق تىلەپ،ئىلتىماسى قوبۇل بولۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ھەر خىل - باھانە سەۋەپ بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەن.

تەشكىلات رەھبەرلىرى ئۇلار ئۆتكۈزگەن بۇ ئېغىر خاتالىقنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن ياخشى قوبۇل بېرىۋاتقان نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ خىزمىتىنى ئىشلىشىگە زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ۋە يېڭىدىن كېلىۋاتقان ۋە كېلىدىغانلارنىڭ تارتىدىغان زىيانلىرى ھەققىدە تەپسىلى توختالدى ۋە بۇنىڭ جاۋابكارلىقى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە قارارلار ئېلىندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۈگۈنكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە بولغان باھاسى ۋە كۆز - قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتكەندىن سىرت،2012 يىلى ئەتىيازدا ئېچىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ سەپەرۋەرلىك خىزمىتى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتتى ۋە يىغىنغا قاتنىشىدىغان نامزاتلارنىڭ سانى ۋە ئىسمىنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇقۇملاشتۇردى.

بۇ قېتىملىق يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش يىغىنى كۈن - تەرتىپلەرنى تۇللۇق ئورۇنداپ نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى.