ئوسلودا ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئېچىلغانلىق خەۋىرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تېلېفون، ئېلخەت ۋە ئىنتېرنېت سەھىپىلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سۆيۈنۈشىنى ئىزھار قىلىشتى ۋە ھەممەيلەن بۇ خەيرلىك ئىشنى تەبرىكلىدى. شۇنىڭدەك ياۋروپا ئەللىرىدە كام ئۇچرايدىغان، مەسچىت قۇرۇش ئۈچۇن دۆلەت ئۆزى ئىقتىساد بىلەن تەمىن ئېتىدىغان بۇ ئالاھىدە ئەھۋالغا قارىتا قىزىقىشلىرىنى بىلدۈرۈپ،مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىش پىلانلىرى ھەقىدە تۈرلۈك سوئاللارنى سورىدى.

بىز بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش ۋە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىدارە ئورگىنى بولغان «ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى»نىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
سەمەت ئابلا ئەپەندى نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر مەسچىتنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ھەققىدە توختالدى ھەمدە ئاخىرىدا نورۋېگىيىدىكى ئىككى ئۇيۇشما ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.
زىيالىي ئەركىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە قاراتقان دىنىي سىياسىتىدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۇن كۆپ تەشەككۇر بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە بۇ جامەنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان قېرىنداشلارغا بارىكاللا ئېيتتى ۋە رەھمىتىنى بىلدۈردى.