نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرى

نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغىنىغا بەك ئۇزۇن بولمىغان، ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەشكىلىي ئاپپاراتىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرغان بىر تەشكىلاتتۇر.

0:00 / 0:00

بۇ تەشكىلات يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر نورۋېگىيەدە 500 گە يېقىن ئۇيغۇر بار، بۇلارنىڭ تۇنجىسى 1999 ‏- يىلى نورۋېگىيەگە كەلگەن. 2002 ‏- يىلى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغان، شۇنىڭدىن بېرى بۇ تەشكىلات نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەتراپىغا توپلىغان، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى، پارلامېنتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارىسىدا بەلگىلىك ئېتىبارغا ئېرىشكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.