رابىيە قادىرخانىم نورۋېگىيىدە رافتو مۇكاپاتى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ھەيئەت بۇ قېتىملىق نورۋېگىيە زىيارىتىنى رافتو مۇكاپاتى جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن باشلىدى ھەمدە ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتى ۋەكىللىرى نورۋېگىيىگە يېتىپ كېلىپ، نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى.

oslo-ayruduromidiki-kutiwelish-385.jpg
رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى. 2011-يىلى 28-يانۋار. (RFA/Aygul)

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتىنىڭ نورۋېگىيىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئاڭلىغايسىلەر.