نامايىشقا نورۋېگىيىدىكى ئەر - ئايال ۋە بالىلاردىن بولۇپ ئىككى يۈزگە يېقىن ئۇيغۇرلار قاتناشقاندىن باشقا، تۈركلەر،ئەرەبلەر،سۇمالىيلىقلار ۋە گېرمانىيە،شىۋىتسىيىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.
بېشىغا ئاق رومال ئارتىپ، بىلىگە ئاق باغلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلار ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ماڭغان ئانىلار ھەيۋەتلىك نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ ئالدىدا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى، پىلاكاتلارنى ۋە گۇناھسىز ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلىرىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تاختايلارنى كۆتىرىشىپ شۇئار توۋلاپ پايتەخت ئوسلۇنىڭ داڭلىق كوچىلىرىدىن بىرى بولغان كارىل يوھان كوچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئەتراپتا توپ - توپ بولۇپ نامايىشنى كۆرۈۋاتقان ساياھەتچىلەر ۋە نورۋېگلارنىڭ ئالاھىدە دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى.
كىچىك ئۆسمۈرلەر ۋە نامايىشچىلاردىن تەشۋىقات ۋەرەقىسىنى تارقىتىشقا مەسئۇل بولغانلار مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىق ۋەرەقىسىنى كوچا يۈرۈشى جەريانىدىكى قىسقىغىنە بىر سائەت ئىچىدە تارقىتىپ بولۇپ، نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ كىشىلەرگە بىلدۈرۈلۈشىگە زور كۈچ چىقاردى.
نورۋېگىيىنىڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدىن بىرى بولغان ن ر ك1 نامايىشنىڭ جەريانىنى پۈتۈنلەي سۈرەتكە ئېلىپ ماڭدى.
نامايىشچىلار قوشۇنى پايتەخت ئوسلونىڭ مۇھىم ساياھەت ئورنى بولغان دېڭىز بۇيىغا جايلاشقان نوبىل تىنچلىق سارىيىنىڭ ئالدىغىچە جاراڭلىق ھالدا شۇئارلارنى توۋلاپ كېلىپ توختىدى.
بۇ يەردە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى ئۇيغۇرچە ۋە نورۋېگچە تىلدا نوۋەتتە ۋەتىنىدە يۇز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ھەققىدىكى باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق شۇئار توۋلىنىپ نامايىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە بۇ قېتىمقى قانلىق قىرغىنچىلىق ۋەقەسىگە بولغان غەزەپ ۋە نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
بۇنىڭدىن باشقا، نوبېل تىنچلىق سارىيىنىڭ ئالدىدا مەزكۇر قانلىق ۋەقەغە قارىتا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىككى سائەتكە يەتمىگەن بىر ۋاقىت ئىچىدە نورۋېگلار ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەردىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىمزاسى توپلاندى.
ئوسلو ۋاقتى بىر يېرىمدا باشلانغان نامايىش سائەت ئالتىلەرگە يېقىن غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.