نورۋېگىيىدە 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى خاتىرىلەندى

1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا ياشلىرىنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان تىنچلىق نامايىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغىنىغا 14 يىل ئۆتتى.

0:00 / 0:00

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكى ئاستىدا ھەر يىلى 5-فېۋرالدا شېھىت كەتكەن، بىگۇناھ قولغا ئېلىنغان، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ۋە مۇشۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان بارلىق قېرىنداشلىرىنى ياد ئېتىش ھەم ئۇلارنىڭ ئاھۇ-زارىنى دېموكراتىك ئەللەردىكى خەلقلەرگە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان نامايىش ۋە ھەر خىل تىپتىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارماقتا.

namayish-suriti-385
غۇلجا ياشلىرىنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان تىنچلىق نامايىشىنىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 2011-يىلى 5-فېۋرال نورۋېگىيىدە نامايىش بولدى. (RFA/Aygul)

5-فېۋرال كۈنى نورۋېگىيىدىكى ۋەتەن -مىللەتنىڭ غېمىنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ شەخسى غېمى ھېسابلايدىغان 40 قا يېقىن قېرىنداش سوغۇققا قارىماي قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،غەزەپ بىلەن شوئار توۋلاپ،تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەرك سۆيەر، دېموكراتىيىنى ياقلايدىغان تىنچلىقپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىشتى.

نامايىش جەريانىدا نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچى باشلىقى مۆمىنجان ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلدى.

ئۆز ۋاقتىدىكى 5-فېۋرال نامايىشنىڭ شاھىتلىرىدىن بىرى بولغان ئەھەت شۇ چاغدىكى ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.

نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى.