بىراق پەرزەنتلىرى بىلەن جەم بولغان ئاتا - ئانىلار بىر تەرەپتىن خۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بالىلىرىنىڭ تىل ئۆگىنىشى، مەكتەپلەردە باشقىلارغا يېتىشىپ ئوقۇشى، شارائىتلارغا كۆنۈشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەنسىرەيدۇ، ئەندىشە قىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ۋە تىلى خىتايلاشتۇرۇلغان ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم - پەن دۇنياسىدا ئەركىن تەرەققى قىلىش روھى بوغۇپ تاشلانغان ۋە مۇشۇنداق بىر مۇھىتتا بېسىم ۋە كرىزىس ئىچىدە ياشىغان ياش - ئۆسمۈرلەر ئاتا - ئانىلىرى بىلەن جەم بولۇش ئارزۇسىدا چەتئەل سەپىرىگە ئاتلىنىپ جۇغراپىيىسى، كلىمات، ھاۋاسى، ئىجتىمائىي مۇھىتى، تىلى، ئۆرپ - ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقادى قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان يېڭى مۇھىت، يېڭى شارائىتتا قايتىدىن گاڭگىرايدۇ، يالغۇزلۇق ۋە زېرىكىش ھېس قىلىدۇ. ئەمما ئاتا - ئانا ۋە مەكتەپلەرنىڭ تەڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، دېموكراتىيە بىلەن سۇغۇرۇلغان مەكتەپ ۋە ئىلىم ھاياتى، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئىلھامى، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر قېنىدىكى تەبىئىي ئەقىل - پاراسەت ۋە تىرىشچانلىق خۇرۇچى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئىنتايىن تىزلا مۇھىتقا ماسلىشىپ تىرىشىپ ئوقۇش ، باشقا مىللەتلەردىن ئېشىپ كېتىش ۋە ئۆز ئارزۇ - ئارمانلىرىغا يېتىش نىشانىغا يېتەكلەيدۇ.
نۆۋەتتە، نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن شۇنداقلا مۇزىكا ، ئۇسۇل قاتارلىق ھەر قايسى كەسىپ دائىرىلىرىدە زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئەتراپىدىكىلىرىگە تونۇشتۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئىجتىھاتلىق پەرزەنتلەر يېتىشىپ چىققان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.