خىتاي ھۆكۈمىتى تېررور گۇماندارىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

نورۋېگىيىدە چىقىدىغان كۈندىلىك گېزىت مۇخبىرلىرىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان بېيجىڭدا دۆلەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان نورۋېگىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوناس گاھر ستۆرە تۈنۈگۈن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بىلەن تېررور گۇماندارى راشىدىن مۇھەممەت ( مىكائىل داۋۇد) نى قايتۇرۇپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىنتايىن قىيىن مەسىلە ئۈستىدە ئىككى سائەت دىئالوگ ئېلىپ بارغان.

0:00 / 0:00

ئۆز ئىسمىنى مىكائىل داۋۇدقا ئۆزگەرتىۋالغان راشىدىن مۇھەممەت باشقا ئىككى شېرىكلىرى بىلەن بۇ يىل 8 -ئىيۇل كۈنى نورۋېگىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تېررور گۇماندارى دەپ قارىلىپ قولغا ئېلىنغان ئىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوناس گاھر ستۆرەنىڭ كۈندىلىك گېزىت مۇخبىرلىرىغا بەرگەن ئاخباراتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە :خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ راشىدىن مۇھەممەت مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيىسى ئىنتايىن قاتتىق بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى راشىدىن مۇھەممەتنىڭ نورۋېگىيە پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان ۋە ئۇنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان.

جوناس گاھر ستۆرە بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئوچۇق مەيدانىنى ئاشكارىلاپ : ئەلۋەتتە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا ئىنتايىن قاتتىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، شۇ تۈپەيلىدىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ راشىدىن مۇھەممەت قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ، راشىدىن مۇھەممەت گەرچە تېررور گۇماندارى بولسىمۇ، لېكىن نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ئۆز پۇقراسى دەپ قاراپ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىغىنى، ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا نورۋېگىيىدىكى قانۇن ۋە سوت سىستېمىسىنىڭ قارار چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

راشىدىن مۇھەممەتنىڭ ئادۋوكاتى ئارىلد ھۇملەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىش ھەققىدىكى پوزىتسىيىسىگە قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى ئىنتايىن ئىخچام ھالدا بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "نورۋېگىيە پۇقراسى ھەرگىز قايتۇرۇلمايدۇ. نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى راشىدىن مۇھەممەتنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ئالاھىدە ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۆز ئالدىغا شەكىللەندۈرگەن كۈن تەرتىپلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ھەر دائىم ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئادەتتىن تاشقىرى رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلىدە بولىدۇ."

مەلۇم بولۇشىچە، راشىدىن مۇھەممەت 1999 ‏- يىلى نورۋېگىيىگە كېلىشتىن ئىلگىرى پاكىستاندا قۇرئان مەكتىپىدە ئوقۇغان بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى شۇ چاغدىن باشلاپلا قايتۇرۇپ كېلىشنى پىلانلىغان ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.