مەزكۇر 3 نەپەر تېررور گۇماندارى ئىچىدىكى ئىراقلىق شاۋان سادىق، ئالدىنى كۈنى ئۆزىنىڭ دانىيىدىكى بىر گېزىتخانىنى پارتلىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
[ تېررور گۇماندارى راشىدىن مەمەتنىڭOpens in new window ]
ئادۋوكاتىنىڭ تۈنۈگۈن نورۋېگىيە ئاخباراتىغا ئاشكارىلىشىچە، راشىدىن سەيشەنبە كۈندىكى سوراق داۋامىدا، ئۆزلىرى پىلان قىلغان ھۇجۇم نىشانىنىڭ دانىيىدىكى بىر گېزىتخانا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان.
راشىدىن مەمەت يەنە، دېلوغا چېتىشلىق ئىككى نەپەر گۇماندارنىڭ ئەسلى پىلاندىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئىككىسىنى پەقەت ياردەمچى سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئادۋوكات Carl Konow Rieber-Mohn تۈنۈگۈن NRK رادىئوسىغا قىلغان سۆزىدە، راشىدىننىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنى مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت دەپ تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق مەسىلىسىنىڭ دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل بولۇشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنى پارتلىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دېلوغا ئارىلىشىۋاتقان يەنە بىر ئادۋوكات Arild Humlen، تۈنۈگۈن NTB ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، راشىدىن سەيشەنبە كۈنىدىكى سوراق داۋامدا ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بارلىقىنى بىلدۈرگەن. راشىدىن سوراق داۋامىدا، ئەل قائىدە تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى رەت قىلغان.
نورۋېگىيىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 3 نەپەر تېررور گۇماندارىنىڭ بىرىنىڭ، بولۇپمۇ يېتەكچىسى دەپ قارالغان كىشىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەجەبلىنىش تۇيغۇلىرىنى پەيدا قىلغان. چۈنكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىن باشقا ھېچقانداق بىر دۆلەت بىلەن مەسىلىسى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزچىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. شۇڭا بۇ نۆۋەت راشىدىن مۇھەممەتنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى ھۇجۇم پىلانىنى ئىنكار قىلىشى ۋە ھۇجۇم نىشانىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەلۇم دەرىجىدە راھەتلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلغانلىقى بايقالماقتا.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باشلىقى پەرھات ياقۇپ بۇ ھەقتە توختىلىپ، راشىدىن مۇھەممەتنىڭ ھۇجۇم پىلانىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ مەمنۇن بولغانلىقىنى، ئەمما پىلاندىكى ھۇجۇم نورۋېگىيە قانۇنىغا خىلاپ بولغاچقا خەۋەردىن يەنىلا ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
پەرھات ياقۇپ يەنە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ، خەلقئارا قانۇنلار ھەم نورۋېگىيىنىڭ قانۇنلىرى دائىرىسىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى ھەرقانداق پىلان ۋە ھەرىكەتنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر بەختىيار ئەپەندىمۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى خىتايغا قارشى ھەرقانداق قاتتىق قارشىلىق پىلانى ياكى ھەرىكىتى كۆرۈلسە بۇنىڭغا ھەيران قالمايدىغانلىقىنى، ئەمما، ئورنى ۋاقتى ياخشى تاللانمىغان قارشىلىق پىلانى ۋە ھەرىكەتلىرىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ئەپەندى خىتاينىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
"نورۋېگىيە ئۇچۇرلىرى ۋە پىكىرلىرى" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن خىتاينىڭ نورۋېگىيە ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، "راشىدىن مەمەتنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنى پارتلىتىش پىلانىنى، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارادىكى تېررورچى تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى" دېگەن ۋە "ئۇلار، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ" دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنى شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىگە زەربە بېرىشتا ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان.
نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى jonas Gahr Store ئۆتكەن ئايدا، خىتاينىڭ مىكائىل داۋۇتنى يەنى راشىدىن مۇھەممەتنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەمما، نورۋېگىيىنىڭ بۇ تەلەپنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.