پائالىيەتكە تۇرك، ئەزەربەيجان جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، بىر قىسىم نورۋېگلار ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ ئىككى يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى.
بۇ قېتىم رابىيە قادىر خانىم دۈشەنبىدىن باشلاپ نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان چوڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىغا قاتناشماقچى بولغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ شەرەپ مېھمانلىرىنىڭ بىرسى ئىدى.
گەرچە، بۈگۈنكى داغدۇغىلىق كۈتىۋېلىش پائالىيىتىگە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رابىيە قادىر خانىم ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خانىمنىڭ ھۆرمىتىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەت قىزغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا باش كاتىپ تۇرسۇن شەمشى ئەپەندى سۆز قىلدى.
پائالىيەت جەريانىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فىلىم "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى " قويۇلۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ھاياجان ئىچىدە فىلىمنى كۆرۈشتى.
مەزكۇر كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى جەريانىدا يەنە، پائالىيەتنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپلىرىدىن بىرى بولغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنى قۇرۇش پىلانى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەلىكە خانىم كومىتېتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە دېموكراتىك سايلام ئۇسۇلى ئارقىلىق سايلاپ چىقىلدى، شۇنداقلا مەلىكە خانىم ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى ھەققىدە توختىلىپ سۆز قىلدى.
نۆۋەتتە ئامېرىكا، تۈركىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتلىرى قۇرۇلۇپ ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، ئۇلاردىن ئىلھام ئالغان نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ ئاياللار كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقىپ ئورتاق داۋا سېپىگە قايتىدىن قوشۇلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.