نۇر بەكرىنىڭ «بېيىغان، مەدەنىيلەشكەن» دېھقانلىرى كىملەر؟
2012.01.10
يىغىندا سۆز قىلغان رەھبەرلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2011-يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ، «ھالقىما تەرەققىيات پىلانى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ 2011-يىلىدا خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئۆرلىگەنلىكىنى دوكلات قىلغان. ئەمما ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىنكاسى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاسى پەرقلىق بولۇپ، ئۇلار ھالقىما تەرەققىياتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك خەلقلىرىنى بېيىتىشنىڭ ئورنىغا، ئىچكىرىدىن كەلگەن شىركەتلەرنى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى بېيىتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا رەسمىي باشلانغان. يىغىندا ئۇيغۇر رايون رەئىسى نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىپ، 2011-يىلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى، مەركەزنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي پىلانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ ئومۇملىشىپ،، ياخشى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى، نەتىجىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئىلگىرىكىدىن 12 پىرسەنت ئۆسۈپ، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 5400 يۈەندىن ئاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
نۇر بەكرى دوكلاتىدا، «ھالقىما تەرەققىيات» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە ئالاھىدە تەرەققىياتلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇ 19 ئۆلكىنىڭ «غەمخورلۇقى» نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ 2005-يىلىغا قارىغاندا بىر قاتلانغانلىقىنى ئېغزى-ئېغزىغا تەگمەي مەدھىيىلىگەن. ئۇ سۆزىدە، 19 ئۆلكە-شەھەر، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن 5600 دىن كۆپ كادىر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدا كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىپ، قان-تەرى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى تۆككەنلىكىنى، ھالقىما تەرەققىيات يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ 2011-يىلىدا خەلق تۇرمۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى، دېھقانلارنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى «سوقما تام»، «كېسەك ئۆيلەر» دىن بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ، زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2011-يىللىق خىزمەتلەرگە ئائىت ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان خۇلاسىلەردە بولسۇن، ياكى ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتلىرىدا بولسۇن، 2011-يىلىنىڭ خەلق تۇرمۇشىدا بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن بىر يىل بولغانلىقى قايتا-قايتا تىلغا ئېلىندى. بىز بۈگۈن يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنىڭ قانچىلىك توغرىلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق مەلۇم بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدۇق.
ئەمما، تېلېفونىمىزغا چىققان بۇ دېھقاننىڭ بىزگە ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، ئەمەلىيەتنى سۆزلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى دىققىتىمىزدىن قاچمىدى ئەلۋەتتە.
چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى «شىنجاڭ خىزمىتى» يىغىنىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 19 ئۆلكىگە بۆلۈپ بېرىلىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى. ئۇلار دوكلاتلىرىدا بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى تەبىئىي بايلىقلىرىنى يۆتكەش، ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى دەپ باھا بېرىپ، بۇنىڭ يەرلىك خەلقتىن بەك ئىچكىرىدىن چىققان كارخانىلارنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتە رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بىر دېھقان بىزگە ھالقىما تەرەققىياتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق بىر نەپ ئەكەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە خىتاي كۆچمەنلەرنى كۆپەيتىپ، دېھقانلارنى يېرىدىن ئايرىغانلىقىنى، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ يەنىلا ئوخشاش قېيىنلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى 19 ئۆلكىگە پارچىلاپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىنى تالان-تاراج قىلىش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكى، ھالقىما تەرەققىيات سىياسىتىنىڭ كۆچمەن خىتايلارنى مەنپەئەتلەندۈرىدىغان ۋە كۆچمەن يۆتكەش قەدىمىنى تېزلىتىدىغان سىياسەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئابدۇللا ئەخەت ئەپەندى نۇر بەكرىنىڭ سۆزى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، ئەگەر خىتاي رەھبەرلىرى ئىلگىرى سۈرگەندەك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، ھالقىما تەرەققىياتتىن نەپكە ئېرىشىۋاتقان بولسا، بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خەلقئارا ئورگانلارنىڭ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.