نۇر بەكرى يەنە بىر قېتىم ئىجتىمائىي مۇقىملىق شوئارىنى توۋلىدى

25-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان تېلېۋىزىيىلىك تېلېفون يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يەنە بىر قېتىم ئىجتىمائىي مۇقىملىق شوئارىنى توۋلىدى.

0:00 / 0:00

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە تەڭرىتاغ تورىنىڭ 26-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 25-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش تېمىسىدا تېلېۋىزىيىلىك تېلېفون يىغىنى چاقىرىلغان. يىغىندا ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش شوئارى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «نۇر بەكرى جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى»ناملىق خەۋەردە، نۇر بەكرىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلىگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تېمىسىدا توختىماي يىغىن چاقىرىپ كەلمەكتە. «100 كۈنلۈك زەربە بېرىش»، «دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنى تازىلاش» ھەرىكەتلىرىنى ھەر يىلى ئىجرا قىلماقتا. 10 مىڭلىغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ئاساسى قاتلاملارغا چۈشۈرۈپ، كومپارتىيىگە سادىق بولۇش تەربىيىسى ئېلىپ بارماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن نېمىشقا بۇ قەدەر كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ؟ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش دېگەن نېمە؟ مۇقىملىق ۋە ئىناق جەمئىيەت كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟

بىز، ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ بۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابىنى ئاڭلاپ باقايلى.

ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىدىن ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ رېئاللىق خىتاينىڭ ئۆز مۇستەملىكىسىنى ئۇيغۇرلارغا تېخىچە ئېتىراپ قىلدۇرالمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاينىڭ مۇقىملىق يولىدا بۇ قەدەر كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشىدىكى مەقسىتىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى شەپقەتسىزلەرچە باستۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە، مۇستەملىكە بىر مىللەت بىلەن تاجاۋۇزچى بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ ھېچقاچان ئىناق ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ساختا شوئار بىلەن خىتاينىڭ ئۆزلىرىنىمۇ، ئۇيغۇرلارنىمۇ ئالداۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى يەنە، ئەگەر ئىناق ۋە مۇقىم بىر جەمئىيەت بەرپا بولغان تەقدىردە، بۇ نىسپىي مۇقىملىقنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋەتىنىنى تالان-تاراج قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ياشاۋاتقان خىتايلار ئۈچۈنمۇ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.