نۇر بەكرى قاتارلىق كىشىلەر 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىندا، تۈنۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىق كىشىلەر خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى، خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرق مەسىلىسى، قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى نۇر بەكرى سۆزلىگەن ئۈچ مەسىلىگە قارىتا مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندە مۇخبىرىمزى ۋەلى ئاڭلىتىدۇ.

ئىلشات ھەسەن: ئەگەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دۆلەت مەمۇرلىرى قوش تىللىق بولۇشى شەرت دېيىلسە، ۋاڭ لېچۇئەنچۇ؟

شىنخۇئا تورى، شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىق خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىندا، نۇر بەكرى تۈنۈگۈن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ سۆزىدە 'بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىنى دۆلەت ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەنلەر بىرلىشىپ قەستەن كەلتۈرۈپ چىقارغان'، 'شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە جىددىي كۈرەش'، 'ھازىر شىنجاڭنى مەڭگۈلۈك مۇقىم قىلىدىغان يېڭى پۇرسەت كەلدى' دېگەن.

نۇر بەكرىنىڭ سۆزىدە ھېچقانداق يېڭىلىق يوق

ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنىيا شتاتىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى نۇ بەكرىنىڭ 'بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىنى دۆلەت ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەنلەر بىرلىشىپ قەستەن كەلتۈرۈپ چىقارغان'، 'شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە جىددىي كۈرەش'، دېگەن كۆز قارىشىنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۇر بەكرىنىڭ سۆزى يالغانچىلىق، ئۇنىڭ نەزەرىيىسىمۇ خاتا.

خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقنى سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقارغان

نۇر بەكرى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقنىڭ چوڭلۇقىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچىدىكى ئىقتىسادىي پەرقلەرنىڭمۇ چوڭلۇقىنى "تەبىئىي مۇھىت ئوخشاش بولمىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ پەرقلەر بۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجى ھالدا تەڭشىلىدۇ"، دېگەن. مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى نۇر بەكرىنىڭ بۇ سۆزىنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر تەبىي شارائىت ياكى مۇھىتنىڭ ناچار بولغانلىقى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكە قىلىۋاتقانلىق مەسىلىسى.

خىتاي تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تىلى ئەمەس

نۇ بەكرى قوش تىللىق مائارىپ دېگەن مەسىلىدە ئۇچۇر ۋاستىلىرى سورىغان سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇشنى خەلق تەلەپ قىلغان، ئاپتونوم رايوندا "دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىش، دۆلەت مەمۇرلىرى قوش تىللىق بولۇشى بىر شەرت"، دەپ چۈشەندۈرگەن. ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تىلى ئەمەس، نۇر بەكرىنىڭ 'قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇشنى خەلق تەلەپ قىلغان'، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دۆلەت مەمۇرلىرى چوقۇم قوش تىللىق بولۇشى شەرت' دېگەنلىرىمۇ يالغانچىلىق.

خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ھەققىدىكى خەلق قوشاقلىرى

ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە كەڭ تارقالغان يەنە مۇنداق قوشاقلار بار: "ھەي نۇر بەكرى، نۇر بەكرى، مەندىن ساڭا خەت كەتتى، بۇ خەت بىلەن ئەل دەردى، نارازىلىق تامان كەتتى. بىلىپ قويغىن سەن شۇنى، يامان تۇرۇر خەلق پەيلى، ۋە ھەتتا سېنى تىللاپ، ئېغىزلىرى يامان كەتتى. خەلق ئىچىدە گەپلەر كۆپ، دېدى سېنى سۈخەنچى، يازساق ئەمما گېزىت باسماس، يانفون بىلەن ئاران كەتتى. ئاپتونومغا سېنى رەئىس قىلدى، غەلىتە بىر خىل گەپ تاپتىڭ، 'قوش تىل' دېدى، ئەمما مېنىڭ، ئۇيغۇر تىلىم قايان كەتتى؟. ئوغۇل ئەمەس قىزلىرىمىز، ئۆز يۇرتىدا ئېشىنچا، يولغا سالدىڭ ئىچكىرىگە، ئانا يىغلار بالام كەتتى. سەن يۆتكىگەن قىز بالىلار، ئىچكىرىدە ئىشلەرمىش، ئوغۇل بولماسمۇ بۇ ئىشقا، ئاچچىق يۇتۇپ ئاتام كەتتى. ئۇيغۇرلاردا تېخنىكا يوق، خەنزۇ يولداش ئېلىپ كېلەر، ئۇلار بىزنىڭ ئۇستازىمىز' دېگەن سۆزۈڭ قارام كەتتى. ئۆز يۈرتىدا ئۇيغۇر، ئىشسىز يۈرەر سەرسان، خەنزۇ دېھقاننى تېخنىك دېدىڭ، يۇرت ئۇلارغا ئاسان كەتتى. يۇرتىمىزدا تولۇپ كەتكەن، ئالتۇن، نېفىت، كېۋەز، قاشتاش، ئەمما يوق بىر كىچىك كۆلچەك، ھەممىسى ئىچكىرىگە ئېقىپ كەتتى. ئاپتونومغا سېنى رەئىس قىلدى، ئىسمى ئۇنىڭ ئۇيغۇر، ئۇنى چاپىدىغان پالتىنىڭ سېپى ئۆزەڭ، يامان نامىڭ پۇر كەتتى".

خەلق ئىچىدىكى بۇنداق قىسقا يانفون ئۇچۇرلىرى، ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يانفونلىرىغا چەكلىمە قويۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.