ئەمما ماقالە ئۇزۇن ئۆتمەي تور بەتلەردە بايان قىلىنغان بىر قىسىم سەمىمىي تەنقىدلەرگە ئوخشاشلا ئۆچۈرۈلۈش قىسمىتىگە دۇچ كەلدى.
ماقالە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەئىس ئەپەندىم، سىز يىغىنلاردا داۋاملىق خەنزۇچە سۆزلەيسىز، سىز ئۆزىڭىز رەئىس بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايوننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىكەنلىكى ئېسىڭىزدە بارمۇ - يوق؟ بىلىمەن، سىز خىتايچە ئوقۇغان بولغىنىڭىز ئۈچۈن، سىز سۆزلەۋاتقان يىغىندا كادىرلار ئاساسەن خەنزۇلار بولغىنى ئۈچۈن، قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن خەنزۇچە سۆزلەيسىز. ئۇنتۇڭماڭكى، سىز دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىسىز. قانۇن بۇيىچە ئۇيغۇرچە سۆزلەش سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز ھەم مەجبۇرىيىتىڭىز."
ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلار ئۆز تىلىنى ئۆزى قەدىرلىمىسە، ئۆزىنى ئۆزى سۆيمىسە باشقىلارنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقىنىڭ نورمال ئەھۋال بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئاپتور بىر رەھبەر ئۈچۈن ئانا تىلدا سۆزلەشنىڭ يالغۇز قولايلىق - قولايسىزلىق مەسىلىسىلا ئەمەس، بىر مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق يازىدۇ: " رەئىس ئەپەندىم، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىفنىڭ رۇسچە سەۋىيىسى سىزنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەڭىزدىن تۆۋەن ئەمەس، ئەمما ئۇ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمېر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە، رۇس تىلىدا ئەمەس، قازاقچە گەپ قىلىدۇ. ئەتراپىڭىزدىكى تەرجىمانلار دەل مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئاجرىتىلغان. ئاپتور ماقالىسىدە، نۇر بەكرىنىڭ يىغىنلاردا خىتايچە سۆزلىشىنى، ئىجرا قىلىنمايۋاتقان ئاپتونومىيە قانۇنى ئىچىدىكى ھەممىگە ئايان بولغان بىر مىسال سۈپىتىدە شەرھىلەيدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدە قوش تىللىق مائارىپنى ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ دەپ كۆرسىتىدۇ. ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش شۇنداقلا مىللىي تارىخنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، ھەقىقىي قوش تىللىق مائارىپنىڭ ھەر ئىككى تىل، ھەر ئىككى مەدەنىيەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇش ۋە تەڭ تەرەققىي قىلىشقا يول ئېچىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئاپتور يەنە، ئۇيغۇر رايونىدا، مىللىي رەھبىرى كادىرلارنى تەيىنلەشتە مىللىي ھېسسىياتتىن خالىي بولۇشنى ئۆلچەم قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: مىللىي ھېسسىيات ئۆز مەدەنىيىتىنى سۆيۈش، ئۆز تارىخىنى سۆيۈش، ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىش دېمەكتۇر. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىتىنى سۆيۈشى خاتالىق ھېسابلانسا، ئۇنداقتا دۆلەتنى سۆيۈش بىلەن مىللەتنى سۆيۈش بىر - بىرىگە زىتمۇ؟ ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئەمەسمۇ ۋە ياكى بۇ دۆلەت ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتى ئەمەسمۇ؟"
ئاپتور يەنە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: " مىللىي ھېسسىيات ئەسلىدە ئىنسانىي بىر خۇسۇسىيەت، مىللىي ھېسسىياتلىق بولۇش غەيرىي نورماللىق ئەمەس، ئەكسىچە، مىللىي ھېسسىياتتىن خالىي بولۇش، غەيرىي نورماللىقتۇر، ئېغىر مەنىۋىي كېسەلدۇر، ئۇيغۇرلار رەھبەر بولۇش ئۈچۈن ئىنسانىي خۇسۇسىيىتىدىن ئايرىلىشى، غەيرىي نورمال بىر ئىنسان بولۇشى شەرتمۇ؟"
ئاپتور ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەقسىزلىقلارنى ساناپ ۋە يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ تەقسىماتى مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەگە چېتىلىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغانلارغا بۆلگۈنچىلىك قالپىقى كەيدۇرۈلۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دېگەن چاقىرىقى بىلەن خۇ جىنتاۋ ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭدا ئاساسىي ۋەزىپە ئىقتىسادىي تەرەققىيات دېگەن چاقىرىقىنىڭ بىر - بىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ۋە رەئىس نۇر بەكرىنىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ چاقىرىقى بۇيىچە ئەمەس، ۋاڭ لېچۈەننىڭ چاقىرىقى بۇيىچە ئىش تۇتۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنىڭ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە زىيالىيلار قوشۇنى ۋە مىللىي رەھبەرلىك قاتلىمى تەڭ ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، رەئىس نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇرغا ۋەكىل سۈپىتىدە رەئىسلىككە تەيىنلەنگىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەنپەئەتىنى قوغداشتا باش تارتالماس مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ ۋە ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: ئەگەر مىللىتىمىز بۇ مەسىلىلەرنىڭ سۆز ئارقىلىق ھەل بولۇشىغا ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويسا، ھەق - ھوقۇقىنى باشقا يوللاردىن ئىزدەشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدا بىز سىلەرگە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە رەئىس نۇر بەكرىگە قارىتىپ يېزىلغان بىر پارچە ئوچۇق خەتنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇردۇق.