تۈنۈگۈن تور بەتلەرنىڭ بىرىدە " نۇر بەكرىگە خەت" ناملىق بىر پارچە غەزەل ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا، جەمئىيەتتە نۇر بەكرى ھەققىدە بولۇۋاتقان شىكايەتلەر ئىخچام شەكىلدە بايان قىلىنغان.
نۇر بەكرى توغرىلىق جەمئىيەتتىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە، نۇر بەكرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەق - ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈتىۋاتقىنى يوق. پەقەت خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان ئاپتونومىيە قانۇنىدا، ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسىگە بېرىلگەن ھوقۇقلارنى ئىجرا قىلىشىنى كۈتمەكتە.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ ئىككى ئاي ئالدىدا رادىئومىزغا قىلغان سۆزلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەشۇ خىل ئىنكاسلاردىن بىر مىسالدۇر.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۇر بەكرىدىن كۈتىۋاتقىنى تېخىمۇ ئاددى: يەنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلالمىسىمۇ، زىيانكەشلىك قىلماسلىق. ھېچ بولمىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەك مەنپەتىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشتا باشلامچى بولماسلىق. ئەمما ئەقەللىي تەلەپ رەت قىلىشقا ئۇچرىماقتا. قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى؛ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامى ئاستىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايغا يۆتكىلىشى ۋە تېخنىك خادىملار نامى ئاستىدا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ ئېقىشى، رەئىس نۇر بەكرى دەۋرىگە ئائىت بولغان ئىجرالاردۇر.
قازاقىستانغا تىجارەت ئۈچۈن چىققان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە نۇر بەكرى ۋە ئۇنىڭ ئىجرالىرى ھەققىدە توختىلىدۇ.
نۇر بەكرى نۇتۇقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تىمىغا مەركەزلەشمەكتە. ئۇنىڭ بۇ يىل بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىن مەزگىلىدە 3 خىل كۈچلەرگە قارشى قىلغان سۆزى ۋاڭ لېچۈەننىڭكىدىنمۇ كەسكىن توندا بولۇپ، بۇ سۆزلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ھازىرغا ئاەدەر نەقىل ئېلىنماقتا.
نۇر بەكرى ئۇيغۇربىز تور بېتىدە 2 ئاينىڭ ئالدىدا تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇربىز تو ربېتى تاقىۋېتىلدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر تاقاش بۇيرۇقىنى نۇر بەكرىنىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى تەخمىن قىلىشماقتا. ئەمما يۇقىرىقى غەزەل خەلقنىڭ ساداسىنى تاقاش ۋە بوغۇش بىلەن توسۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.