[ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن رەئىسى نۇربەكرىOpens in new window ]
قاتارلىقلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - ئومۇميىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىدا، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسى خىزمىتى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش بولغانلىقىنى، 2010 - يىللىق خىزمەت پىلانىدىمۇ ئاساسى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
نۇربەكرى قاتارلىقلارنىڭ بۇ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم چەتئەللەردىكى دېموكراتىك ئىدىيىدىكى زىيالىيلار دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى نۇربەكرىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى نۇقتىلىق ئورۇنغا قويماستىن، بۇ رايوندا يەنىلا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى جار سېلىشىنىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىتىنى تەنقىدلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، نۇر بەكرىنىڭ، "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، مۇقىملىق ھەممىنىڭ كاپالىتى، شۇڭا ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلايمىز، مىللىي بۆلگۈنچىلەردىن قەتئىي مۇداپىئەلىنىمىز، ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىمىز، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، دۈشمەننى ئالدىن ئۇجۇقتۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىمىز،" دېگەن سۆزىنى تەنقىدلەپ، ئەگەر ئۆز - ھەق ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇ خىل سىياسەت بىلەن داۋاملىق باستۇرۇلىدىغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى قورال كۈچىگە تايىنىپ كونترول قىلغان ھالەتتىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.
"بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكىدەك ۋەزىيەتتە، ئەسلى خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىقىنى تەكىتلەشنىڭ ئورنىغا، بۇ رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، بۇ رايون خەلقىنىڭ ئۆز رايونىدىكى بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇشىغا يول قويۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىنىدا ئاندىن بۇ رايوندا نىسپى مۇقىملىقنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
خۇپىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: "ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا مۇقىملىق ھەممىدىن مۇھىم دېگەننى تەرغىب قىلىش ئارقىلىق، قورال كۈچى بىلەن ۋەزىيەتنى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇلار بۇندىن كېيىنمۇ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى توختاتمايدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ رايوندىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار ھازىرقى كۆز ئالدىدىكى ۋەزىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا مۇشۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىملىق يىغىندا مۇقىملىقنى تەكىتلىشىدىكى سەۋەبمۇ ئاشۇ يەردە. ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ھالدا كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئۇلارنى ئۆز زېمىنىدىكى بايلىقلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش، ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشىغا يول قويۇش نىيىتى بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزمىگەن، بۇ رايون خەلقىنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنى بەرگەن بولاتتى. شۇ چاغدىلا ئاندىن بۇ رايوندا نىسپى مۇقىملىق بارلىققا كېلەتتى. ئەمما ھازىر ئۇلار بۇ زېمىندا بۇلاڭچىلىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ."
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن كانادادىكى مەمەت توختى ئەپەندى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسىتى، دۆلەتنىڭ مافىيالاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىسا بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان مۇقىملىق ئەمەس بەلكى ھەر ۋاقىت پارتلاشقا تەييار تۇرىدىغان بومبا ھالىتىدىكىدەك ۋەزىيەت شەكىللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارادىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماي تۇرۇپ، بۇ رايوندا مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرغىنىدا، بۇ رايوندا خىتاينىڭ ئېرىشىدىغىنى ئۆزى دەۋاتقان مۇقىملىق ئىچىدىكى تەرەققىيات بولماستىن، بەلكى يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىدىن كېلىپ چىققان، يەرلىك خەلقلەر بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانچە كۈچىيىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچسىز ۋەزىيەت شەكىللىنىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.