ئەرزدار نۇرگۈل توختىنىڭ 39 كۈن داۋامىدا قاماقخانا ۋە سوراقخانىدا كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى

ئۇچتۇرپان تۈرمىسىدە 39 كۈن قاماپ قويۇلغان ئەرزدار نۇرگۈل توختى، مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى زىيارىتىدە ئۆزىنىڭ قاماقخانا ۋە سوراقخانىدا كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

0:00 / 0:00

بۇ مەلۇماتلار 43 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ يىل يازدا پاكىستاندىن قايتۇرۇلغانلىقى قاتارلىق ھازىرغىچە ئاخباراتقا ئاشكارىلانمىغان ئۇچۇرلار؛ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئايال مەھبۇسلارنىڭ جەمئىيەت ھەققىدىكى شىكايەتلىرى شۇنداقلا يەنە نۇرگۈل توختىنىڭ ئۆزىنىڭ ساقچىلار بىلەن ئېلىپ بارغان جىددىي مۇنازىرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن نۇرگۈل توختى، 2009-يىلى داليەندە تىجارەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، خىتاي قاراقچىلار ئۇنىڭ 9 ياشلىق ئوغلىنى ئوغرىلاپ كېتىدۇ. نۇرگۈل توختى، ئوز پەرەزلىرىگە ئاساسەن، ئوغلىنى ئوغرىلاپ كەتكەن قاراقچىنى تەخمىن قېلىپ، ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىدۇ ۋە دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشنى، بولمىسا ساقچى باشلاپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالىدۇ. نەتىجىدە قاراقچىلار ئۇنىڭ ئوغلىنى قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈستىگە نۇرگۈل قاراقچىلار تەرىپىدىن 24 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغان ئوغلىنىڭ پسىخىكىسىدا بىنورماللىقنى بايقاپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ، دوختۇرلار بالىنىڭ ئالاھىدە كۈتۈنۈشىنى ۋە داۋاملىق داۋالىنىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. نۇرگۈل توختى، ھەم جىنايەتنى جازالىتىش ھەم داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلىتىش ئۈچۈن، ۋەقەنى ساقچىغا ئىنكاس قىلىدۇ، ئەمما ساقچىلار، قاراقچىنى «تاپالمايدۇ». نۇرگۈل توختى بۇنى خىتاينىڭ مىللىي تەڭسىزلىك سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ ۋە بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارىدۇ.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.