بېيجىڭدىكى ئەرزدار نۇرگۈل توختى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى دەپ تۇتۇلۇپ 38 كۈن قاماقتا ياتقان

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلاردىن نۇرگۈل توختى، بۇ يىل 7-ئايدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېيجىڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇلۇپ، ئاقسۇ ئۇچتۇرپانغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ئۇچتۇرپاندا 38 كۈن قاماقتا ياتقان.

0:00 / 0:00

نۇرگۈل توختى بېيجىڭدا تۇتۇلۇش، ئېلىپ مېڭىلىش ۋە سوراق قىلىنىش جەريانىدا باشتىن-ئاخىر ساقچىلار بىلەن قارشىلاشقان. نۇرگۈل توختىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن چېتىشلىقى ھەققىدە ھېچقانداق پاكىتقا ئېرىشەلمىگەن خىتاي ساقچىلىرى، نۇرگۈل توختىنىڭ قەتئىي ۋە كەسكىن قارشىلىقى نەتىجىسىدە، ئۇنى قويۇۋېتىشكە مەجبۇر بولغان.

ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، نۇرگۈل توختىنىڭ 7 ياشلىق ئوغلى خىتاي قاراقچىلىرى تەرىپىدىن ئەپقېچىپ كېتىلگەن. ۋەقە ئۇ تىجارەت قىلىۋاتقان داليەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن. گەرچە نۇرگۈل توختى ئوغلىنى ئېلىپ قاچقان خىتاي قاراقچىنى ئۆزى بايقاپ ۋە تەھدىت سېلىپ قۇتقۇزۇۋالغان بولسىمۇ، ئوغلىدىكى بىنورماللىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلغان ۋە خىتاي قاراقچىنى تۇتۇپ جازالاشنى تەلەپ قىلغان. تەلىپى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن، ئۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا بىر گۇرۇپپا ئەرزدارلار بىلەن بىرلىكتە ب د ت ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەڭسىزلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان. ئۇ يەنە بۇ ئەھۋاللارنى رادىئومىز ئارقىلىق دۇنياغىمۇ ئاشكارىلىغان. ئۇ بۇ يىل 7-ئايدا داليەندىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئۇ سەپەر ئۈستىدە ساقچىلار ئۇخلاپ قالغان چېغىدا بىر قېتىم قاچقان بولسىمۇ، ئەتىسى يەنە تۇتۇلغان ۋە ئايروپىلان بىلەن ئاقسۇغا ئېلىپ كېتىلگەن.

قاماقخانىدا 38 كۈن ياتقان نۇرگۈل توختى، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن قاماپ قويۇلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. ئۇ پەقەت كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدىلا، ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر تەشكىلاتقا، يەنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلگەن.

نۇرگۈل توختى، تۇتۇلغان، ئېلىپ مېڭىلغان، نەزەربەند قىلىنغان مەزگىللەردە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىت ۋە زوراۋانلىقلىرىدىن قورقمىغان. باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ ھەقلىق بىر دەۋاگەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ يولسىزلىقىنى ۋە چىرىكلىكىنى يۈزىدىن-يۈزىگە تەنقىد قىلغان.

نۇرگۈل توختى ئۆتكەن ھەپتە نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە، ئوغلىنى مەكتەپكە ئاپىرىش باھانىسى بىلەن ئۆيىدىن ئايرىلىپ، بېيجىڭغا قايتا يېتىپ كەلگەن.

يۇقىرىدا، ئەرزدار نۇرگۈل توختىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىغا تۇتۇلۇش ۋە قېچىش جەريانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.