نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى ئۇنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن بىرى. ئاپتور ئۆزىنىڭ «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «ياۋا كەپتەر» ناملىق ئەسىرى سەۋەبىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.01.02
yawa-kepter-Kitap-305.jpg ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 10 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯧﺴﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﺎﺵ ﻗﻪﻟﻪﻣﻜﻪﺵ ﻧﯘﺭﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﻳﺎﺳﯩﻨﻨﯩﯔ "ﻳﺎﯞﺍ ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ.
RFA Photo

نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۇرمۇھەممەت ياسىن 2011‏-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن شاياردىكى بىر تۈرمىدە ۋاپات بولغان. مەزكۇر خەۋەر چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ دەرھال دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. بىز يازغۇچىنىڭ قولۇم-قوشنا، ئائىلە -تاۋابىئاتىغا تېلېفون قىلساق، ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ۋە ھازىرمۇ ئۈرۈمچى 1‏-تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرمۇھەممەتنىڭ ئايالى ئىككى بالىسىنى ئېلىپ، 2012‏-يىلى 7‏-ئايدا ئۇنى يوقلاپ كەلگەن.

نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئائىلە ئەزاسى، يازغۇچىنىڭ روھى ھالىتى، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ يامان ئەمەس تۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ 10‏-ئايدا ئائىلىسىگە خەت يازغانلىقى، ئانىسى ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ بۇ يىل 17‏-يانۋار ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈپ كېلىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يازغۇچىنىڭ ھاياتىغا ئالاقىدار يۇقىرىقى بىر-بىرىگە زىت، ئىختىلاپلىق خەۋەرلەر كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويدى ۋە ھەر گۇمانلارنى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى خەۋەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بەزى تەشكىلاتلار تۈرلۈك قاناللار ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ راست-يالغانلىقىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۇرمۇھەممەت ياسىن ھەققىدىكى ئىختىلاپلىق ئۇچۇرلارغا دەرھال چۈشەنچە بېرىپ، بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلەرگە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

نۇرمۇھەممەت ياسىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەسىس قىلغان «ھېلمان-ھاملېت مۇكاپاتى» قاتارلىق بىر قانچە خەلقئارا مېداللارغا ئېرىشكەن يازغۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دائىرىسىدىكى شەخس ئىدى. ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى مانفرېد نوۋاك، 2005-يىلى ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا 1‏-تۈرمىنى زىيارەت قىلىپ، نۇرمۇھەممەت ياسىن بىلەن كۆرۈشكەن. نوۋاكنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۇرمۇھەممەت ياسىن مەزكۇر ب د ت ئەمەلدارىغا ئۆزىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىزنىڭ ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ب د ت ئەمەلدارى كەتكەندىن كېيىن، تۈرمە دائىرىلىرى نۇرمۇھەممەت ياسىننى پۈتۈن كۈنلۈك سىياسىي تەلىم-تەربىيە كۇرسىغا ئورۇنلاشتۇرغان ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتىغا چەكلىمە قويغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ نۇرمۇھەممەت ياسىندىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئادۋوكات تېڭ بياۋنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۇرمۇھەممەت ياسىن 2011‏-يىلى شاياردىكى تۈرمىگە يۆتكەپ كېلىنگەندە تېنى ئاجىزلاپ، سالامەتلىكى ئىنتايىن ناچارلىشىپ كەتكەن. ئۇ يەنە، دوستلىرىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ، يازغۇچىنىڭ مۇشۇ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقىنى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى گاۋ جىشېڭمۇ نۇرمۇھەممەت ياسىن ۋاپات بولغان مەزكۇر تۈرمىگە قامالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 2009‏-يىلى 3‏-ئايدىن باشلاپ نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ھايات ياكى ياشاۋاتقانلىقىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

يازغۇچىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر چەتئەلدىكى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ خەۋەر بېرىلدى. فالۇنگوڭچىلارنىڭ «يېڭى ئېرا گېزىتى» نىڭ گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار ئۇيغۇرلار ئەھۋالدىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن خەۋەر تېپىپ، يازغۇچىنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، بىراق ئائىلىسىدىكىلەر قورقۇپ كەتكەچكە ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.

لېكىن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يازغۇچىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن يۇقىرىقى خانىم، ئۇنىڭ 2014‏-يىلى چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، نۇرمۇھەممەت ياسىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزىقچىلىق، پىكىر ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇقىغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنىڭ تىپىك مىسالى. شۇڭا ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى نۇرمۇھەممەت ياسىنغا پەخرىي ئەزالىق نامى بەرگەن. 2009‏-يىلى ئامېرىكا يېڭى ئېنگلاند قەلەمكەشلەر مەركىزى ئۇنىڭغا «ۋاسىل ستۇس ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بەرگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىلىق شائىر رېچارد خوفمان «بوستون يەر شارى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئەسىرىگە باھا بېرىپ، «ياۋا كەپتەر ناھايىتى ئېنىقكى بىر كىنايە. يەنى ئۇ مەدەنىيەت ۋە تېررىتورىيىلىك يوقىتىشقا قارشى ئىززەت-ھۆرمەت، بىر پۈتۈنلۈك ۋە ئىپتىخارلىق ھەققىدىكى ھېكايە» دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.