نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئورۇنلىشىدىكى مۇزىكىلاردىن
سوغۇق دۈشەنبە .... شەنبە كەچتىن باشلاپ ياققان ئاپئاق قار ئۈرۈمچىنى ھازا تۇتىۋاتقاندەك تۈسكە كىرگۈزۈپ قويغان....
كېپەندەك ئاپئاق قار باسقان يولدا، ئېغىر قەدەملەر بىلەن تاۋۇت كۆتۈرگەن مۇسىبەتلىك جامائەت سېپى، ئۆلۈم ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى بىلگەن يولدىكىلەرنىڭ توختىماي ئۈن-تۈنسىز قېتىلىشى بىلەن بارغانچە چوڭىيىپ باراتتى ....

گايىلار، "بۇ تەمبۈرچى نۇرى تۇرسۇننىڭ مېيىتى ئىكەن" دىگەننى ئاڭلاپلا ئورنىدا توختاپ قېلىشتى . ھەقىقەتەن، ئۆمرىنى تەمبۈرگە، ئۇيغۇر سەنئىتىگە بېغىشلىغان ماھارەتلىك ، تالانتلىق سازەندە نۇرى تۇرسۇننىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈم خەۋىرى ھەممىنى ئېچىندۈردى، ھەممىنى ھەسرەتكە سالدى .
ئۇيغۇر خەلق ئاھاڭلىرىنى يۈكسەك ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ ، خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان سەنئەتكار نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ، ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىگە بولغان سۆيگۈسىنى تالانت ھەم ماھارەتلىرىنى خەلققە كۆرسۈتۈش ئۈچۈن ئۈچ يىل بۇرۇن نۇرغۇن ئۈمىدلەر بىلەن ئۆزىنىڭ سەنئەت كېچىلىكىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. بىراق، سەھنىدە بۇ ماھارەت ئىگىسىگە بېغىشلاپ ئوقۇلغان "قانغا بويالغان ناخۇل" ناملىق شىئېرنىڭ تاماشىبىنلار يۈرىكىدە ھاياجان قوزغىغانلىقى سەۋەبى بىلەن، بۇ كۈن، بۇ سازەندە ئۈچۈن قاراڭغۇ كۈنلەرنىڭ باشلىنىشى بولدى، شۇندىن ئېتىبارەن بۇ تالانت ئىگىسىنىڭ غۇرۇرى، روھى پۇخچۇلاندى، جىسمىنى سىياسىي بېسىم، تۇرمۇش قايغۇسى باستى، ئاتاقلىق بىر مۇزىكانت بولۇشلا ئەمەس ياخشى بىر ئاتا ھەم بىر لاياقەتلىك ئەر بولۇش ئۈچۈن ئۇ تىنماي تىرىشتى. تا ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە.... .
مەرھۇمنىڭ تەۋەرۈك تەمبۈرىنى قۇچاغلاپ يىغلاپ ئاۋازى پۈتكەن، مەرھۇمنىڭ 24 يىللىق قەدىناس ئايالى شەمشىقەمەر ھەدە، مەرھۈمنىڭ ئارمانلىرىنى شۇنداق بايان قىلدى…………
مۇخبىرىمىز گۈلچەھرەنىڭ مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ئايالى شەمشىقەمەر ھەدە بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.